ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان مەجبۇرىي ئەمگەك بازىسىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-01-15
Share

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى مەنبە قىلغان ھەرقانداق پاختا مەھسۇلاتى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلىگەنىدى. شۇنداق بىر پەيتتە ئاقسۇ ئاخبارات تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەر ئامېرىكانىڭ قارارىنىڭ ئاساسى بارلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.

خەۋەردە يەنە مۇنۇلار دېيىلگەن: «. . . ھازىر پۈتۈن ۋىلايەتتە 4 مىليون 590 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش، 120 مىڭ مېتىر رەخت توقۇش كۆلىمى شەكىللىنىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك ئىشلەپچىقىرىش بويىچە پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ئاساسەن شەكىللەندى. ھازىرغىچە، ۋىلايىتىمىزدە ئەنگە ئېلىنغان توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كارخانىسىدىن 481 ى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە: يىپ ئېگىرىش كارخانىسى 66، رەخت توقۇش كارخانىسى 28، گۈل بېسىش ـ بوياش كارخانىسى بىر، ئائىلە توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كارخانىسى 189، باشقا تۈردىكى كارخانىلار 197».

ئانالىزچىلار يۇقىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئاساسىدىكى پاختا مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى بىلەن باغلىنىشلىق ئۇچۇر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. خەۋەردە يەنە، ئاقسۇ ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق بازىرىدا «پاختا توقۇمىچىلىق، ياسىمىچىلىق كەسىپ باغچىسى» ئېچىلغان پەقەت بىر زاۋۇتتىلا يىلىغا 90 مىليون يۈەنلىك ئىلمە توقۇلما، كىيىم ـ كېچەك قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقى ۋە 300 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

خىتايدىكى پاختا ۋە پاختا مەھسۇلاتلىرى ساھەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئەڭ كۆپ قوللىنىلىۋاتقان ساھە ئىكەنلىكى تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن پولاتتەك پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلانغانىدى. رادىيومىز ھەتتا ئاقسۇدىكى خۇافۇ توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنىڭ 20 مىڭدىن ئارتۇق لاگېر تۇتقۇنىنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى دەلىللەپ چىققان.

ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە قۇل ئەمگەكچىلىرىگە ئايلاندۇرۇلۇشى كۈچلۈك دىققەت قوزغاۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ ھەقتە كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللانماقتا. 13-يانۋاردىن باشلاپ ئامېرىكانىڭ 328 كىرىش ئېغىزىنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئاساسىدىكى پاختا مەھسۇلاتلىرى ۋە پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى ئېلان قىلىندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت