ئاقسۇ ۋىلايىتىنى بىكار قىلىپ، شەھەر تەسىس قىلىش پىلانى ئېلان قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.03.17

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يېقىندا يەنە ئاقسۇ ۋىلايىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ شەھەر تەسىس قىلىش لايىھىسى ۋە يەر نامى قويۇش لايىھىسىنى ئېلان قىلغان.

لايىھە بويىچە بولغاندا، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ۋىلايەت دەرىجىلىك ئاقسۇ شەھىرى قۇرۇلىدىكەن، ناھىيە دەرىجىلىك ئاقسۇ شەھىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، «قۇم رايونى» تەسىس قىلىنىدىكەن.

يېڭى تەسىس قىلىنغان ۋىلايەت دەرىجىلىك ئاقسۇ شەھىرىگە ناھىيە دەرىجىلىك بولغان قۇم رايونى ۋە كۇچا، شايار، توقسۇ، باي، ئونسۇ، ئاۋات، ئۇچتۇرپان، كەلپىن قاتارلىق 8 ناھىيە قارايدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلتۇردىن باشلاپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۇرپان ۋىلايىتى ۋە قۇمۇل ۋىلايىتىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن، تېخى يېقىندا خوتەن ۋىلايىتىنى بىكار قىلىپ، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر تەسىس قىلىش پىلانىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى بۇ پىلاننى «دۆلەتنىڭ چېگرا رايوندىكى ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېزلىتىدىغان چوڭ ئىش» دەپ مەدھىيىلىگەن. بىراق، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋە خىتاي كۆزەتكۈچىلەر بۇنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى بۆلۈپ باشقۇرۇش تەسەۋۋۇرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ھەرىكىتى، دەپ باھالىماقتا.

تەڭرىتاغنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئاقسۇ ۋىلايىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئىلتىماس ماتېرىياللىرى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.