ياپونىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئارفىيە ئېرى (ئارفىيە ئابلەت) ياپونىيەنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك پارلامېنتىدا تاشقىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىر بولۇپ تەيىنلەنگەن.
ئارفىيە 13-نويابىر ئۆزىنىڭ X ھېسابىدا ئېلان قىلغان بۇ ئۇچۇرىدا، شۇ كۈنى ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ تاشقىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئۇچۇردا، ياپونىيە باش ۋەزىر مەھكىمىسى ئېلان قىلغان ئۇچۇر ئىلاۋە قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا يېڭى باش ۋەزىر شىگېرۇ ئىشىبانىڭ ياپونىيە ئىچكى كابېنت يىغىنىدا قارار قىلىنغان 2-نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت مىنىستىرلىرىنىڭ كوللېكتىپ سۈرىتى ئېلان قىلىنغان.
ئارفىيە ئېرى بۇ ئۇچۇرنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، چەت ئەلدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئۇنى قىزغىن تەبرىكلەپ، خەلقئارا سەھنىلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ئاۋازى بولۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن.
-2023يىل 4-ئايدا ياپونىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلانغان ئارفىيە 2024-يىل 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا قايتا سايلانغانىدى. ئۇ خەلقئارا سەھنىلەردە ئېلىپ بارغان سىياسىي پائالىيەتلىرى، ياپونىيە پارلامېنتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى بىلەن تونۇلغان ياش سىياسەتچى بولۇپ قالغان. ئۇ يەنە 2023-يىل 29-ئۆكتەبىر كۈنى ياپونىيە پايتەختى ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى: دۇنيا پارلامېنتلار كېڭىشى» يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە ئالاھىدە ھەسسە قوشقان ھەمدە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا كۈچلۈك ئىلھام بەرگەنىدى.
