ئارفىيە ئېرى: «ئۇيغۇرلار گۈللەپ-ياشناشقا ھەقلىق!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2023.05.16

2023-يىلى ئاپرېلدا ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان ئۇيغۇر قىزى ئارفىيە ئېرى (ئارفىيە ئابلەت) يېقىندا «ئاكسيوس» (Axios) تورىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. زىيارەت جەريانىدا ئارفىيە ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتىدا قىرغىنچىلىققا ۋە باستۇرۇشلارغا دۇچ كېلىۋاتقاندا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئۇلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە باشقا ساھەلەردە ئۆزىگە چۇشلۇق ئۇتۇق قازىنىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

«ئاكسيوس» تورىنىڭ 16-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇ بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدا «بىز ھازىر قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانى بولۇۋاتىمىز. ئەمما بىزنىڭ ئۇتۇق قازىنىشقا، شۇنىڭدەك گۈللەپ-ياشناشقا لاياقەتلىك بىر خەلق ئىكەنلىكىمىزنى ئۆز خىزمىتىم ئارقىلىق نامايان قىلىپ بەرسەمكەن، دېگەن ئۈمىدتىمەن» دېگەن. گەرچە ئارفىيەنىڭ ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ۋەزىپىسى بىۋاسىتە ھالدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بولمىسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ بالىلار پاراۋانلىقى، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى بىجانىدىل خىزمەتلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ يۇقىرى دەرىجىدىكى سىياسىي ساھەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك خىزمەت قىلالايدىغانلىقىنى نامايان قىلغانلىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولغان.

ئارفىيە ياپونىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ھەمدە ياپونىيە سىياسىي ساھەسىگە كىرگەن تۇنجى ئۇيغۇر ھېسابلىنىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيەدە تەخمىنەن ئىككى مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشىماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.