ياپونىيەنىڭ ئۇيغۇر پارلامېنت ئەزاسى ئارفىيە ياپونىيەنى خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇشقا چاقىرغان
2024.09.16
ياپونىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبىرال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان تۇنجى ئۇيغۇر پارلامېنت ئەزاسى ئارفىيە ئېرى (Arfiya Eri)، ياپونىيەنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇشقا چاقىرغان.
2024-يىلى 4-ئايدىكى ياپونىيە پارلامېنت سايلىمىدا ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى قېتىم پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان ئارفىيە ئېرى، ياپونىيەنىڭ «پاسسىپ ئاساسىي قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان ھەربىي خىرىسىغا ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ياپونىيە «نىكىي ئاسىيا خەۋەرلىرى» نىڭ 15-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئارفىيە ئېرى بۇ چاقىرىقنى ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن «سىدنېي دىيالوگى» ناملىق يىغىندا ئېيتقان.
ياپونىيە خىتاينىڭ ئەڭ سەزگۈر قوشنىسى بولغاچقا، ئادەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى تەنقىد قىلسىمۇ، ئامما خىتايغا قارىتا دىپلوماتىيە جەھەتتىن ناھايىتى ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتۇپ، خىتايغا قاتتىق تەدبىر قوللىنىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن ئىدى. ياپونىيە 2021-يىلى 2-ئايدا يەتتە دۆلەت گۇرۇھى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەنگلىيەگە ئوخشاش خىتايغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشتىن يىراق تۇرغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى ياپونىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى توشىمىتسۇ موتېگى، ياپونىيەنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتىدىن «جىددىي ئەندىشە» قىلىدىغانلىقى، بىراق بۇ مەسىلىدە قارشىلىشىشنى ئەمەس، بەلكى دىيالوگ ۋە ھەمكارلىقنى تەكىتلىگەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر، ياپونىيەنىڭ بۇ خىل ئېھتىياتچان پوزىتسىيەسى ئۇنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق بىلەن ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك مەنپەئەتتە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، دەپ قارىماقتا. ھالبۇكى، «نىكىي ئاسىيا» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئارفىيە ئېرى «ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى» دا قىلغان سۆزىدە، توكيونى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تېخىمۇ كەسكىن پوزىتسىيەدە بولۇشقا چاقىرىپلا قالماي، بەلكى يەنە بېيجىڭنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي خىرىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە قارىتا كۈچلۈك مۇداپىئەدە تۇرۇشىنى، ئۇنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن «پاسسىپ ئاساسىي قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان.
ئارفىيە ئېرىنىڭ بۇ تەشەببۇسى، يېقىندا خىتاينىڭ بىر ھەربىي رازۋېدكا ئايروپىلانى تۇنجى قېتىم ياپونىيەنىڭ جەنۇبىدىكى كيۇشيۇ ئارىلىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا كىرىپ قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ياپونىيەدە تۇغۇلغان ئارفىيە ئېرىنىڭ ئىلگىرى ياپونىيە ۋە ئامېرىكىدا ئوقۇغانلىقى، شۇنداقلا ياپونىيە بانكىسى ھەمدە ب د ت قاتارلىق جايلاردا خىزمەت قىلغانلىقى مەلۇم.