ئارگېنتىنا دېڭىز ئارمىيىسى 15 - مارت ئۆز تەۋەلىكىدە قانۇنسىز ھالدا بېلىق تۇتۇۋاتقان خىتاي بايرىقى ئېسىلغان بىر پاراخوتقا ئوق ئېتىپ ئۇنى چۆكتۈرىۋەتكەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ دېڭىز ئارمىيە باياناتىغا ئاساسەن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي پاراخوتى ئارگېنتىنا دېڭىز مۇھاپىزەت پاراخوتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا پەرۋا قىلمىغان. نەتىجىدە ئارگېنتىنا دېڭىز مۇھاپىزەتچىلىرى خىتاي بېلىقچى پاراخوتىنىڭ بىرقانچە نۇقتىسىغا ئوق ئېتىپ، پاراخوتنى چۆكتۈرىۋەتكەن. دېڭىز مۇھاپىزەتچىلىرى ئارقىدىن پاراخوتتىكى 4 نەپەر خىتاينى سۇدىن قۇتۇلدۇرۇپ قولغا ئالغان. نۆۋەتتە ئۇلار ئارگېنتىنانىڭ جەنۇبىي چۇبۇت رايونىدا سوتقا تارتىلىش ئۈچۈن قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.
بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ توربېتىدە بۇ ھەقتە بىر بايانات ئېلان قىلىنغان. باياناتتا، ئارگېنتىنا تەرەپتىن مەزكۇر ۋەقەنى تېز تەكشۈرۈپ تەپسىلاتىدىن مەلۇمات بېرىش ۋە تۇتقۇندىكى بېلىقچىلارنىڭ بېخەتەرلىكى ۋە قانۇنىي ھەقلىرىنى قوغداش شۇنداقلا بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ تەكرارلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلەپ قىلىنغان. ئەمما باياناتتا خىتاي پاراخوتىنىڭ شۇ كۈنىكى ھەرىكىتىنىڭ قانۇنسىز ياكى قانۇنلۇق بولغانلىقى ھەققىدە ھېچنەرسە دېيىلمىگەن.
