ئەرمېنىيە 129 نەپەر خىتايلىق ۋە تەيۋەنلىكنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان

ئەرمېنىيە ساقچى دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ بىر ئالاھىدە ھەرىكىتىدە ئەرمىنىيە چېگرىسى ئىچىدىكى 129 نەپەر خىتاينى تۇتقانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 51 ئادەمنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كەلگەنلىكى، 78 كىشىنىڭ تەيۋەنلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تېلېفون ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلىدىغان جىنايەت شايكىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

رادىئومىز خىتاي تىلى بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ مەلۇماتنى ئەرمېنىيە دائىرىلىرى 7 - سېنتەبىر كۈنى تارقاتقان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، ئەرمېنىيە ساقچىلىرى مەزكۇر خىتاي جىنايەتچىلەر شايكىسىنىڭ ئالتە ئۇۋىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ كومپيۇتېر، قول تېلېفون ۋە باشقا ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلىرىنى مۇسادىرە قىلغان.

ئېنىقلىنىشىچە، بۇ جىنايەت گۇرۇھىنىڭ ئەرمېنىيەدە تۇرۇپ، تېلېفون - ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ؛ خىتاينىڭ 13 ئۆلكىسىدىكى ئاھالىلارغا تېلېفون فىللىپ، ئالداپ ئېرىشكەن سوممىسىنىڭ مىقدارى بىر مىليون 200 مىڭ دوللار، يەنى تەخمىنەن 7 مىليون سوم خەلق پۇلىغا يەتكەن.

ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتى خىتاي تەرەپ بىلەن ئالاقە قىلغاندىن كېيىن، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى ئادەم ئەۋەتىپ، ئەرمېنىيە بىلەن سۆزلەشكەن. نەتىجىدە، ئەرمېنىيە بۇ 129 ئادەمنى خىتايغا قايتۇرىۋەتكەن. ئەمما، تەيۋەن تەرەپ ئەرمېنىيە تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىنى ئۆزلىرىگە ئۇقتۇرمىغانلىقى ۋە 78 نەپەر تەيۋەنلىكنى بىۋاسىتە ۋە مەجبۇر تۈردە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىدىن نارازى بولغان.