خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «شىنخۇا تورى» نىڭ 15-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي سۇ ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان چوڭ تىپتىكى سۇ قۇرۇلۇشى تۈرلىرى ئىچىدە يەكەن ناھىيەسىدىكى ئارىتاش سۇ ئامبىرى ئورۇن ئالغان. خىتاي ئاخباراتلىرى بۇ ھەقتە بەس-بەستە خەۋەر بەرگەن ھەمدە بۇنى «شىنجاڭدىكى سەنشيا قۇرۇلۇشى» دەپ ئاتىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئارىتاش سۇ ئىنشائاتى سىستېمىسى زەرەپشان دەرياسىنىڭ باش ئېقىمىغا سېلىنغان بولۇپ، ئون يىللىق قۇرۇلۇش جەريانىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 10 مىليارد سوم (تەخمىنەن بىر يېرىم مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) سەرپ قىلىنغان. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ زور سۇ ئىنشائاتى بولغان بۇ قۇرۇلۇش 2021-يىلى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ زەرەپشان، يەنى يەكەن دەرياسى ۋادىسىدىكى ئالتە مىليون كىشىنىڭ ھاياتىنى قامداپ، كەلكۈن ۋە قۇرغاقچىلىق ئاپەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا زور رول ئوينىغانلىقى تەكىتلەنگەن. شۇ ئارقىلىق بۇ ھالنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ۋۇجۇدقا چىقارغان بىر تۈرلۈك غەمخورلۇق خىزمەتلىرى قاتارىدا ئالاھىدە مەدھىيەلەنگەن.
ئەمما خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئارىتاش سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى 2021-يىلى ئاۋغۇستتا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ۋاقىتتىلا ئالتە يۈرۈش سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىنى تورلاشتۇرۇپ توك تارقىتىشنى باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇنىڭ «سۇنى بىكارغا ئېقىتىۋەتمەسلىك، ئەكسىچە ئۇنىڭدىن ئۈنۈم قازىنىش» تەك «جانلىق پايدىلىنىش» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ھالبۇكى، بۇ سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىدىن تارقىتىلغان توكنىڭ قەيەرنى تەمىن ئەتكەنلىكى ئېيتىلمىغان. بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتى 15-ماي كۈنى ئېلان قىلغان «بۇ يىل 3-ئايغا قەدەر شىنجاڭ رايونىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە توشۇلغان توك مىقدارى 645 مىليارد كىلوۋاتتىن ئاشتى» دېگەن خەۋەرنى ئەسلىتىدۇ. خەۋەردە بۇ توك بىلەن پۈتۈن خىتايدىكى بىر يېرىم مىليارد خىتاي پۇقراسىنى 200 كۈن تەمىن ئېتىشكە بولىدىغانلىقى ئېيتىلغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى نېفىت بۇرغىلاش ۋە ئۇيغۇر دىيارىغا غايەت زور ساندا ئاھالە كۆچۈرۈش قاتارلىق زور قۇرۇلۇشلاردا ئىزچىل زور مىقداردىكى سۇغا ئېھتىياجلىق بولۇپ كەلگەنىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدا «سۇ ھەممىنىڭ ئاساسى» بولۇشتەك رېئاللىق تېخىمۇ مۇستەھكەم ئورۇن ئالغان. شۇ سەۋەبتىنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شەرقنىڭ سۈيىنى غەربكە يۆتكەش»، «شىمالنىڭ سۈيىنى جەنۇبقا يۆتكەش» دېگەندەك قۇرۇلۇش لايىھەلىرى ئوتتۇرىغا چىققانىدى. ئۇيغۇر دىيارىدا سۇ بايلىقىنىڭ بۇنچە زور ۋە كۆپ قىرلىق ئەھمىيىتى تۈپەيلىدىن ئارىتاش سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىنىڭ «ئۇيغۇرلارغا بەخت يارىتىش قۇرۇلۇشى» ياكى «خىتايغا بەخت يارىتىش قۇرۇلۇشى» ئىكەنلىكى ھەققىدە تۈرلۈك تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم.
