ئۇيغۇر ئېلىدىن تېپىلغان 2400 يىلدىن بۇرۇنقى ئات سۆڭىكى خىتاي سىياسىي تارىخى ھەققىدە تالاش-تارتىش قوزغىدى
يېقىندا خىتاي غەربىي-شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىككى ئارخېئولوگى بىلەن ئامېرىكا كولورادو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئارخېئولوگى ۋىليام تەيلور ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باركۆل ناھىيەسىدىكى تاش مۆسىن، دېگەن جايدا ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ئېلىپ بېرىپ، بۇ جايدىن 2400 يىل بۇرۇنقى ئات سۆڭەكلىرىنى بايقىغان. ئارخېئولوگلار بۇ ئاتلارنىڭ بۇرۇن، چىش، بەل سۆڭەكلىرىنى ئانالىز قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن 2400 يىل بۇرۇن مىنىشكە ئىشلىتىلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن. لېكىن ئارخېئولوگلارنىڭ بۇ ئاتنىڭ سۆڭەكلىرىنى خىتاي تارىخىغا باغلىشى تالاش-تارتىش قوزغىغان.
«نيۇ-يورك ۋاقتى»گېزىتىدە 13-نويابىر ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئارخېئولوگلار تاش مۆسىندىن تېپىلغان ئات سۆڭەكلەر كىشىلەرنىڭ ئاتنى ئەڭ بۇرۇن خىتايدا مىنگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى، دەپ كۆرسەتكەن شۇنداقلا بۇ ئاتنىڭ خىتايدا مىلادىيىدىن 350 يىل بۇرۇن جەڭدە ئىشلىتىلىپ، چىن سۇلالىسىنىڭ خىتاينى بىرلىككە كەلتۈرۈشى، يىپەك يولىنى ئېچىشىدا ئوينىغان رولىنى چۈشىنىش ئۈچۈن مۇھىم دەلىل بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي ئارخېئولوگلىرىنىڭ بۇ يەكۈنى ئامېرىكالىق ئۇيغۇرشۇناس، جورجى توۋىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋاردنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. جېيمىس مىلۋارد، ئات سۆڭىكى تېپىلغان جاينىڭ بۇ دەۋرلەردە ، يەنى ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدە غەربىي جوۋ ۋە چىن سۇلالىسى زېمىنى ئەمەسلىكى، غەربىي جوۋ ۋە چىن سۇلالىسى چېگراسى ئات سۆڭىكى تېپىلغان جاينىڭ 1700 كىلومېتىر شەرقىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. «نيۇ-يورك ۋاقتى »گېزىتىدىكى ماقالىنىڭ ئاپتورى كاتېرىن كورنەيمۇ تىۋۋىتېردا چۈشەنچە بېرىپ، «شىنجاڭنىڭ مىلادىيدىن بۇرۇنقى 350-يىلى >خىتاي< دەپ خاتا يېزىلىپ قالغانلىقى»، بۇ دەۋردىكى «شىنجاڭ خىتاينىڭ سىياسىي ياكى مەدەنىيەت پارچىسى ئەمەسلىكى»نى تەكىتلىگەن.