خىتاينىڭ بۇ ھەپتە باشلىغان ئىككى يىغىنىدا، خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەققىدە دوكلات بېرىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
5-مارت كۈنى، خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» تورى شى جىنپىڭنىڭ بەرگەن دوكلاتى ھەققىدە ئېلان قىلغان باش ماقالىسىدە، خىتاينىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن «شىنجاڭنىڭ كۆپرەك تۆھپە قوشۇشى» كېرەكلىكىنى باش تېما قىلغان.
شى جىنپىڭ بۇ قېتىم بەرگەن دوكلاتىدا، خىتايدىكى 1 مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەرنى مەھكەم قوغداپ، خىتاي خەلقىنىڭ ئاشلىققا بولغان ئېھتىياجىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى ئېيتقان. «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان باش ماقالىدە، ئۇيغۇر رايونىدىكى تېرىلغۇ يەرنىڭ 42 مىليون مودىن ئاشىدىغانلىقى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ 21 مىليون توننىدىن ئاشقانلىقى، «يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى يىلدىن يىلغا ئاشۇرۇپ، دۆلەتنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشكە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغانلىقى» جاكارلانغان.
ئۇيغۇر رايونى خىتاينىڭ بارغانچە مۇھىم ئاشلىق بازىسىغا ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر باش ماقالىدىمۇ «شىنجاڭنى خىتاينىڭ غەربتىكى ئاشلىق ئامبىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش» پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ ئاتالمىش «يېزا-كەنتلەرنى روناق تاپقۇزۇش»، «نامراتلىقنى تۈگىتىش» دېگەندەك ناملار بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىپ، كەسىپ ئالماشتۇرۇش نامىدا ئۇلارنى خىتاي كارخانىلىرىنىڭ قۇل ئىشچىلىرىغا ئايلاندۇرغان. 2021-يىل، ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكىشىگە ئائىت بىر تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا يېزىلاردىكى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نىڭ ئىچكىرى خىتايغا يۆتكەلگەنلىكى مەلۇم بولغانىدى.
يەنە بىر جەھەتتىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنى ئاشلىق بازىسى قىلماقچى بولۇشى ئەمەلىيەتتە بۇ رايوننى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئارقا سەپ بازىسى قىلماقچى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى تامامەن جىمىقتۇرۇپ، يەرلىرىدىن ئايرىپ، قانداقتۇر «ئىچكى خەۋپ» نى تۈگەتمەكچى ئىكەنلىكى ھەققىدىمۇ يېڭى پەرەزلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم.
