خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل ئىلىدا بىر مىليون 200 مىڭ مو يۇقىرى ئۆلچەملىك تېرىلغۇ يەر ئېچىشنى بۇيرۇغان

ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاينىڭ «ئىستىراتېگىيەلىك ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بازىسى» دەپ بېكىتكەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، ئۇيغۇر دىيارىدا ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىل ئىلى ئوبلاستىغا تۇنجى تۈركۈمدە بىر مىليون 251 مىڭ مو يۇقىرى سۈپەتلىك تېرىلغۇ يەر ئېچىش ۋەزىپىسىنى بەرگەن. خەۋەرلەردە، تېرىلغۇ يەر ئېچىشنىڭ 12-مارت كۈنىدىن باشلاپ ئىلىنىڭ چاپچال شېۋە ئاپتونوم ناھىيەسىدە رەسمىي باشلانغانلىقى، بۇ ئىلى ئوبلاستىنىڭ 2024-يىللىق بىر مىليون مو يۇقىرى ئۆلچەملىك تېرىلغۇ يەر ئېچىش قۇرۇلۇشىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. لېكىن خەۋەرلەردە، چاپچال ناھىيەسىدىن باشقا ئىلىدىكى يەنە قايسى ناھىيەلەرنىڭ تېرىلغۇ يەر ئېچىش نۇقتىسى قىلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئېچىلىدىغان بىر مىليون 251 مىڭ مو تېرىلغۇ يەرنىڭ بىر مىليون 12 مىڭ 510 موسى يېڭىدىن ئېچىلىدىكەن، قالغان 80 مىڭ موسى ئۆزگەرتىپ ياخشىلىنىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەر ئېچىش پىلانى، ئۇنىڭ 2017-يىلى باشلانغان باستۇرۇشتا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ بېقىمسىز قالغان تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە «كىم ئاشتى» بازىرىدا سېتىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھۆكۈمەت ئىلى ئوبلاستىدا بىر مىليون 200 مىڭ مودىن ئارتۇق يۇقىرى سۈپەتلىك تېرىلغۇ يەر ئېچىش پىلانىغا بىر مىليارد 709 مىليون يۈەن ئاجراتقان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2021-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاينىڭ «ئىستىراتېگىيەلىك ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بازىسى» قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، يەرلىك دائىرىلەر 2022-يىلدىن باشلاپ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش سالمىقىنى كۈچەيتكەن. ئۇيغۇر دىيارى ئۆتكەن يىلى 21 مىليون توننىدىن ئارتۇق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىپ، خىتايدىكى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ رايونغا ئايلانغانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئومۇمى تېرىلغۇ كۆلىمى 9 مىليون 179 مىڭ 800 مو بولۇپ، بۇنىڭ 7 مىليون 512 مىڭ مودىن كۆپرەكى ئېتىزلىق ئىكەن.