20 - نويابىر «ياۋرو - ئاسىيا تورى» دا خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان پايتەختى ئاستانا شەھىرىنىڭ باشلىقى يېقىندا مەزكۇر شەھەردە پىلانلانغان بىر تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ توسۇپ قېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شەھەر باشلىقى ئادىلبەك ژاكسىيبەكوۋ مەزكۇر ھۇجۇمنى قازاق ئىستىخبارات ئورگىنى توسۇپ قالغانلىقنى ئېيتقان.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، ژاكسىيبەكوۋ ئاستانادا چاقىرىلغان بىر خەۋپسىزلىك يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «نۆۋەتتە ئانتى - تېررولۇق مەسىلىسى تېخىمۇ روشەنلىشىشكە باشلىدى. دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى 4 ئاينىڭ ئالدىدا ئاستانىگە تېررورلۇق ھۇجۇمى پىلان قىلىۋاتقان، خىل قوراللانغان چوڭ تىپتىكى بىر مەخپىي گۇرۇپپىنى پاش قىلدى.»
ئەمما ئۇ، بۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىغان.
ئاستانا دائىرىلىرى 2013 - يىلى ئاستانادا بىر چوڭ تىپتىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى توسۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
قازاق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نۆۋەتتە ئوتتۇرا شەرقتىكى جىھادى گۇرۇپپىلار ئارىسىدا جەڭ قىلىۋاتقان قازاق پۇقرالىرىمۇ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.
ئۆتكەن يىلى نويابىردا ئىراق ۋە سۈرىيەدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى - «دائىش» ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى نىشان قىلىنغان بىر پارچە قازاقچە تەشۋىقات ۋىدېئوسى تارقاتقان ئىدى.
