«ئاتلانتىك» ژۇرنىلى: «خىتاي دېگەن بىر قەغەز يولۋاس»

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-05-05
Share

خىتاينىڭ زادى قانچىلىك كۈچى بار؟ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ كۈچىنى قانداق مۆلچەرلەش كېرەك؟ «ئاتلانتىك» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە بۇ نۇقتىلار تەھلىل قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە ئاپتور ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ تۇنجى قېتىملىق دۆلەت مەجلىسى بىرلەشمە يىغىنىدا خىتاينى 4 قېتىم تىلغا ئالغانلىقىنى، ئەمما ھەر بىر جۈملە سۆزىدىن خىتاينىڭ تەسىرىنى ھېس قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن جوۋ بايدېننىڭ خىتاينى رىقابەتچى دۆلەت دەپ قاراپ، بۇ رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقىشنى ئۆزىنىڭ پرېزىدىنتلىق ھاياتىدىكى چوڭ سىناق دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئارقىدىنلا ئاپتور يەنە 2018-يىل نەشر قىلىنغان «ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن يەنىلا دۇنيادىكى بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت؟» دېگەن كىتابتىكى كۆز قاراشنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ ئىقتىساد، پۇل-مۇئامىلە، تېخنىكا ۋە ھەربىي كۈچىگە ئائىت ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ۋە كۆپتۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى، «خىتاي ئامېرىكادىن ئېشىپ كېتىدۇ» دېگەن قاراشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ۋە بۇ قاراشنىڭ ئامېرىكىنى خاتا ھۆكۈم، خاتا سىياسەتكە باشلايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئەگەر دۆلەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) نى دەيدىغان بولسا، خىتاي 19-ئەسىردىلا دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ھېسابلىناتتى. ئەمما GDP پەقەت ساننىلا كۆرسىتىدۇ، سۈپەتنى كۆرسەتمەيدۇ. خىتاينىڭ GDP سانلىق مەلۇماتى ھازىرمۇ يۇقىرى، ئەمما ئۇنىڭ ئىچى بوش. خىتاينىڭ مائارىپى، تېخنىكىسى ۋە ھەربىي كۈچى يەنىلا ئامېرىكاغا يېتەلمەيدۇ. خىتاي كارخانىلىرىنىڭ تەتقىقات ئۈچۈن ئاجراتقان مەبلىغى ئۇلارنىڭ كىرىمىگە باققاندا ناھايىتى تۆۋەن. خىتاي تەقلىد قىلىپ ياساشتا دۇنيادا بىرىنچى بولسىمۇ، ھالقىلىق تېخنىكا يەنىلا ئامېرىكىنىڭ قولىدا. خىتاي ئامېرىكاغا ئىقتىساد ۋە تەرەققىيات جەھەتتىن يېتىشىۋېلىشى مۇمكىن، ئەمما بۇنىڭ ئۇنچە ئوڭۇشلۇق بولۇپ كېتىشى ناتايىن. خىتاينىڭ تۈزۈلمىسىدە ئېغىر مەسىلىلەر مەۋجۇت، پۇقرالىرىنى باستۇرۇش چىقىملىرى غايەت زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. خىتاينىڭ ھەربىي چىقىملىرى ئاساسەن كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنى قوغداش ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدۇ، ئامېرىكانىڭ بولسا تاشقى دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. خىتاينىڭ دېڭىز يوللىرى ئۇنىڭ رەقىبلىرى بىلەن قورشالغان، ئۇ ياقتىن رۇسىيەمۇ خالىغان چاغدا خىتايغا دۈشمەن بولالايدۇ. قىسقىسى خىتاينىڭ كۈچىنى بەك يۇقىرى مۆلچەرلەپ، ئۇنىڭغا خاتا ھۆكۈم قىلىپ، خاتا تەدبىر تۈزمەسلىك كېرەك.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت