ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى ۋاكىستون ئاۋام پالاتاسىنىڭ گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-05-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى جېننىفېر ۋاكىستون ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن جىددىيلىكى، بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكانىڭ تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇرۇشلۇق ۋىرگىنىيە شتاتىدىن بولغان مەزكۇر دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى بۇ سۆزلەرنى 15‏-ماي كۈنى چاقىرىلغان ئاۋام پالاتا مالىيە كومىتېتىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا قىلغان.

مەزكۇر گۇۋاھلىق يىغىنىدا مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە تاشقى سىياسىتى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلارغا قارىتا ئېمبارگو قويۇش مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر بىلدۈرگەن. جېننىفېر ۋاكىستون سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىستېمىلىق باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئېتنىك مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئورۇنلارنى جازا لاگېرلىرى، دەپ تەرىپلىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ماگنىتىسكىي قانۇنى بېيجىڭنىڭ بۇ مەسىلىدىكى خاھىشىنى ئۆزگەرتىشكە بېسىم ئىشلىتىشتە ئۈنۈملۈك رول ئوينامدۇ؟» دەپ سورىغان. ئۇنىڭ سوئالىغا قارىتا ئاتلانتىك كېڭىشى يەر شارى ئېنېرگىيە مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى دەيۋىد مورتلوك، ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى ئېمبارگو تىزىملىكىنىڭ بۇ يىل 6‏-ئايدا ۋە 12-ئايدا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مۇئامىلە ھەققىدىكى قورقۇنچلۇق خەۋەرلەر ۋە ئۇنىڭ كۆلىمىنى نەزەردە تۇتقاندا ئەلۋەتتە ئۇ ماگنىتىسكىي قانۇنىنىڭ كۈچلۈك نامزاتىدەك قىلىدۇ. بۇ، خىتايغا ۋە ئۇنى قوللاۋاتقان كارخانىلارغا ئىنتايىن كۈچلۈك سىگنال بېرىدۇ» دېگەن.

جېننىفېر ۋاكىستون شۇ كۈنى تۋېتىرغا يوللىغان ئۇچۇرىدا، ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئىنكاس قايتۇرۇش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلەپ، «بىز پەقەت قۇرۇق چاقىرىق بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقىمىز، ھەرىكەت قوللىنىشىمىز كېرەك» دېگەن. لېكىن ئامېرىكانىڭ ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سكوت بۇسبينىڭ يېقىندا رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، «ئىقتىسادىي جازا قويۇش مەسىلىسى مۇرەككەپ بىر مەسىلە بولۇپ، جازا تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىشقا مۇۋاپىق قانۇنىي ئاساس بار-يوقلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ۋاقىت كېتىدىكەن»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت