ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلىگەن

خىتاي كومپارتىيەسى 1-ئىيۇل قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە تەييارلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ئ‍اۋام پالاتا ئەزالىرى قارار لايىھەسى سۇنۇپ، ئۇنىڭ 100 يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەنقىد قىلغان. «ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر لايىھەنى جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايك گەللەگېر تەييارلىغان بولۇپ، بۇ لايىھە ئاۋام پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتلارنىڭ قوللىشىقا ئېرىشكەن.

قارار لايىھەسىدە «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆتكەن ئەسىردە ئىزچىل ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز خەلقىگە ۋەھشىلىك قىلىپ كەلگەنلىكى، ئۇنىڭ كەچمىشى باستۇرۇش، قىيىن-قىستاق، كەڭ كۆلەملىك قاماش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق كەچمىشى» ئ‍ىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

قارار لايىھەسىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 1940-يىللىرىدىكى يەر ئ‍سلاھاتىدا 2-3 مىليوندەك ئادەمنى ئ‍ۆلتۈرگەنلىكى، خىتاي ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ 1949-يىلى سوۋېت ئىىتىپاقىنىڭ ياردىمىدە شىنجاڭنى ئىشغال قىلغانلىقى، 1951-يىلى تىبەتنى قوشۇۋالغانلىقى، ئ‍ۇنىڭ يەنە «ئۈچكە قارشى»، «بەشكە قارشى»، «چوڭ سەكرەپ ئ‍لگىرلەش»، ئاچارچىلىق، «مەدىنىيەت ئ‍ىنقىلابى»، پىلانلىق تۇغۇت، «تيەنئەنمىن ۋەقەسى»، فالۇنگوڭچىلارنى باستۇرۇستا ئون مىليونلىغان كىشىنىڭ ئ‍ۆلۈشى، قولغا ئېلىنىشى، قىيىن-قىستاققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى تەكىتلگەن.

قارار لايىھەسىدە يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا قورقۇنچلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سادىر قىلغانلىقى، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنى دىنىي ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغانلىقى، ئامېرىكا خىتاينى ‹ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئ‍نسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلدى› دەپ قارايدىغانلىقى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان.