«ئاۋانگارت» تورى: «خىتاينىڭ ئىشپيونلۇق ھەرىكىتى ۋە يالغانچىلىقى توختاپ قالغىنى يوق»

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-11-11
Share

10-نويابىر «ئاۋانگارت» (Frontline) تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە خىتاينىڭ ئىلغار كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىنى نازارەت قىلىپلا قالماي، كەڭ-كۆلەملىك ئىشپىيونلۇق ۋە جاسۇسلۇق ئارقىلىق چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ تەقىپ ئاستىغا ئېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، «ئاۋانگارت» تورى بۇ يىل 4-ئايدا «خىتاي ئىشپىيونى» ناملىق بىر ھۆججەتلىك فىلىم تارقاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك نازارەت ئاستىدا ياشايدىغانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ فىلىمدە يەنە مۇھاجىرەتتىكى بىر قانچە ئۇيغۇرنىڭ ۋەتەندە قالغان ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقانلىقى ھېكايىسى بېرىلگەن. بۇ فىلىم بۇ يىل 5-ئايدا ئامېرىكادا قويۇلۇپ بىر ئايدىن كېيىن، گېرمانىيەنىڭ ميۇنخىن شەھىرىدە ياشاۋاتقان گۇلزىرە ئۆز سىڭلىسىنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغان. گۈلزىرە 2 يېرىم يىل ئالدىدا بىر دوستى ئارقىلىق سىڭلىسىنىڭ لاگېردا «ئۆگىنىش» قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەن بولۇپ، شۇندىن بۇيان ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ كېلىۋاتقانىكەن. 2020-يىل 5-ئايدا گۈلزىرە سىڭلىسى ۋە ئاتا-ئانىسى بىلەن ۋىدېيولۇق كۆرۈشكەن، ئەمما ئۇلارنى بىرسىنىڭ كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان. بىر قانچە كۈندىن كېيىن خىتاي «خەلق گېزىتى» نىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا گۈلزىرەنىڭ ھەدىسى توغرىلىق ئىشلەنگەن قىسقا ۋىدېيو بېرىلگەن ھەمدە ئۇنىڭ بىر تەربىيەلەش مەركىزىدە ئىنگىلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقانلىقى، خىتايغا قايتقاندىن كېيىن ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە خۇشال ياشاۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. 5-ئايدىن كېيىن، گۈلزىرە تا ھازىرغىچە سىڭلىسى ياكى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھېچقانداق ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالمىغان ۋە ئۇلارنىڭ يەنىلا قورقۇنچ، تەھدىت ۋە نازارەت ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، ھەممىسىنى دېگۈدەك تەقىپ ۋە نازارەت ئاستىغا ئېلىشنى قىلچە بوشاشتۇرمىغان بولۇپ، ئىچكىي ئۇچۇرنى قاتتىق قامال قىلىش بىلەن بىرگە سىرتقىي ئۇچۇرنىڭ كىرىشىنىمۇ چەكلىگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىمۇ چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت ھەقىقىي خەۋەرلىرىگە قارشى تەشۋىقاتىنى ۋە كۆز بويامچىلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت