خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى «ياۋروئاسىيا-خەلقئارا ئاۋىياتسىيە مەركىزى» قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېتەكچى لايىھەنى ئېلان قىلغان.
«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى بىلەن ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان لايىھەدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىنى ئاممىۋى ئاۋىياتسىيە سىستېمىسىنىڭ خەلقئارالىق مەركىزىگە ئايلاندۇرۇپ، يادرولۇق مەركەز قىلىش ۋە قەشقەر، كورلا، ئىلى، تۇرپان، خوتەن، قاراماي ۋە ئارالدىكى ئايرودۇرۇملارنى ياردەمچى مەركەز قىلىش پىلانلىماقتىكەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ تور ئۈرۈمچىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا ۋە ياۋروپاغا بارىدىغان خەلقئارالىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىگە ھەمدە شىنجاڭنى باشقا ئۆلكىلەر بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان دۆلەت ئىچى لىنىيەسىگە ئايلىنىدۇ. بۇ، شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىش ئېغىزى بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئاسىيا بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى كۈچەيتىدۇ».
«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنگىلىزچە تارقاتقان خەۋىرىدە، بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن قوشنا دۆلەتلەر ۋە رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى ھەمدە مەدەنىيەت ئالاقىسىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سودىسى ۋە ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقى» تەشۋىق قىلىنغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىلىرىنى قاتتىق كۈچەيتكەنىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تۈپەيلىدىن غەرب دۇنياسىدا خىتايغا قارىتىلغان تۈرلۈك ئىقتىسادىي جازالار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بۇ پەيتتە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلىنىشنى تۇيۇقسىزلا كۈچەيتىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانىدى. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق ياۋروپاغا سوزۇلغان ئىقتىسادىي كېڭەيمىچىلىكىدە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئىزچىل تۈردە مۇھىم بازا بولۇش رولىنى ئويناپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.