ئاۋسترالىيە دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي يۈرۈشىنى قوللىدى ۋە ئۇنىڭ دېڭىزدا ئەركىن يۈرۈش ھوقۇقىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى خىتاي جەنۇبىي دېڭىزغا ياسىغان سۈنئىي ئارالغا ئىنتايىن جايدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن قوراللانغان ھەربىي پاراخوتنى ئۆتكۈزگەن.
بۇ ھەقتە توختالغان ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جۇلىيە بىشوپ مۇنداق دېگەن:«ھەرقانداق دۆلەتنىڭ خەلقئارا قانۇندا قوغدالغان دېڭىزدا ئەركىن يۈرۈش ھوقۇقى بار.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «مەن ئامېرىكىنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا بۇ ھوقۇقىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىمەن. ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى ئادەتتىكىدەك ھەربىي مەشغۇلات.»
ئۇ ئاخىرىدا جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە تەرەپ تۇتمايدىغانلىقىنى، ئەمما تەرەپلەرنى مەسىلىنى ئۆزىنى تۈتىۋالغان ۋە خەلقئارا نورما - ئۆلچەملەرگە بويسۇنغان ئاساستا ھەل قىلىشقا چاقىرغان.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي پاراخوتى خىتاي فېئىري كرېست مارجان ئارىلى ياكى خىتايچە «يوڭشۇ» ئارىلى دەپ ئاتىلىدىغان مارجان خادا تاشلارنى تىندۇرۇپ ياسىغان سۈنئىي ئارالغا 22 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىن ئۆتكەن.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى بىل ئۇربان جەنۇبىي دېڭىزدا كۆرۈلۈۋاتقان دەرىجىدىن تاشقىرى يەر ئىگىلەش خاھىشىنىڭ خەلقئارا دېڭىز قانۇنىغا توغرا كەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە مەزكۇر قانۇندا ئامېرىكا جۈملىدىن بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەركىن يۈرۈشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا دۇچ كەلگەن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى لۇ كاڭ ئامېرىكا پاراخوتلىرىنىڭ خىتاي دېڭىز تېررىتورىيەسىگە قانۇنسىز كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان جەنۇبىي دېڭىزنىڭ سپراتېل ۋە پاراسېل ئاراللىرى تەۋەسىدە بىر نەچچە سۈنئىي ئاراللارنى ياسىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا شۇندىن بۇيان مەزكۇر ئاراللارغا يېقىن جايدىن جەمئىي ئۈچ قېتىم قوراللانغان ھەربىي پاراخوتلارنى ئۆتكۈزگەن.
