خىتاينىڭ ئاۋستىرالىيىدىكى سەنئەت كېچىلىكىدە «شەرقىي تۈركىستان» بايرىقىنىڭ لەپىلدىشى پات - پاراقچىلىق پەيدا قىلدى


8 - فېۋرال چاغاننىڭ ھارپا ئاخشىمى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن سەنئەت ئۆمىكى ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنىي شەھىرىدە «جوڭگو ئارزۇسى تەڭرىتاغ مۇھەببىتى» نامىدا ناخشا - ئۇسسۇل كېچىلىكى ئۆتكۈزگەندە، كۇلۇپتىكى ئۇيغۇر تاماشىبىنلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغان بىر جۈپ ئاي يۇلتۇزلۇق شەرقىي تۈركىستان كۆك بايرىقى ئويۇن قويۇلىۋاتقان زالدا پاتپاراقچىلىق پەيدا قىلىپ، ئويۇن كۆرۈۋاتقان خىتاي تاماشىبىنلىرىنىڭ كۇلۇپتىن ئايرىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

ئىجتىمائىي ئالاقە تورى فېسبۇكقا يوللانغان فوتوسۈرەتلىك ئۇچۇردا بايان قىلىنىشىچە،«8 - فېۋرال كەچ خىتاينىڭ چاغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاۋىسترالىيەنىڭ سىدنىي شەھىرىدە ئۇيغۇر سەنئەتكارلار قاتناشتۇرۇلغان ناخشا - ئۇسسۇل پائالىيتىى ئۆتكۈزۈلگەن. ئارتىسلار سەھنىدە ئويۇن قويۇۋاتقاندا تىياتىرخانىنىڭ تاماشىبىنلار سالونىنىڭ 3 - قەۋىتىدە ئىككى ئۇيغۇر قوللىرىدا ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى تۇتۇپ لەپىلدەتكەن. نەتىجىدە پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقان خىتاي تاماشىبىنلارنىڭ يېرىمىدىن ئارتۇقى كۆك بايراقتىن ھۈركۈپ، ئويۇن كۆرۈشتىن ۋاز كېچىپ تىياتىرخانىدىن چىقىپ كەتكەن.»

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، خىتاينىڭ 4 - فېۋرالدىن باشلاپ غەربىي ئاۋسترالىيەدە «خىتاي شىنجاڭ مەدەنىيەت بايرىمى» نامىدا پائالىيەت باشلىغانلىقى، پائالىيەتنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەرەققىياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى، كىنو بايرىمى ۋە «جوڭگو ئارزۇسى. تەڭرىتاغ مۇھەببىتى» نامىدىكى ناخشا - ئۇسسۇل كېچىلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يەنە 1 - فېۋرال كۈنى بۇ قېتىمقى ناخشا - ئۇسسۇل كېچىلىكى ئۈچۈن مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان. يىغىندا ناخشا - ئۇسسۇل كېچىلىكىنىڭ 8 - فېۋرال ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنىي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2006 - يىلدىن بۇيان «مەدەنىيەتلىك جۇڭگو، جەلپكار شىنجاڭ» نامىدىكى سەنئەت ئۆمىكىنى تەشكىللەپ، قازاقىستان، تۈركىيە، ئاۋستىرالىيە، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئويۇن قويۇپ كەلگەن بولۇپ، ھەر قېتىملىق پائالىيەتلەر چەتەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى.