ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي ۋە مېلبورن شەھەرلىك ھۆكۈمەتلىرى ماۋ زېدوڭنى خاتىرىلەش مۇزىكا كېچىلىكىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.09.03


ئىگىلىنىشىچە، ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي ۋە مېلبورندىن ئىبارەت ئىككى چوڭ شەھىرىدە ماۋ زېدوڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان مۇزىكا كېچىلىكى سۇغا چىلاشقان.

رادىيومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ ئېنىقلىشىچە، سىدنېيدىكى خىتاي مۇھاجىرلىرىنىڭ ئۆي - مۈلۈك شىركىتى بولغان ل ب گۇرۇھى بىلەن ئاۋسترالىيە خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى ھەمكارلىشىپ 6 - سېنتەبىر سىدنېيدە، 9 - سېنتەبىر مېلبورندا ئىككى مەيدان مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان.

ھالبۇكى، بۇ ئىككى مەيدان مۇزىكا كېچىلىكىنىڭ ماۋ زېدوڭغا بېغىشلانغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ئاۋسترالىيەدىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن.

سىدنېي شەھەرلىك ھۆكۈمەت 1 - سېنتەبىر قارار چىقىرىپ، قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 6 - سېنتەبىردىكى مۇزىكا كېچىلىكىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىغان. مېلبورن شەھەرلىك ھۆكۈمەتمۇ بۇ ھەقتە ئوخشاش قارار چىقارغان.

ئاۋسترالىيەدىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاۋسترالىيە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تۈرلۈك شەكىللەردىكى «قىزىل تەشۋىقاتى ۋە ھۇجۇمى» نىڭ ئېغىر بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.