«سىدنېي ئەتىگەنلىك خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ 9-مايدىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى (Socceroos) نىڭ 2023-يىلى ئىيۇندا بېيجىڭغا بېرىپ ئارگېنتىنا دۆلەتلىك كوماندىسى ئەزالىرى بىلەن پۇتبول مۇسابىقىسىگە چۈشمەكچى بولۇشى نۆۋەتتە ھەر ساھەنىڭ كەسكىن تەنقىدىگە ۋە ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا پۇتبول چولپانلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارىلىدىغان لىئونېل مېسى (Lionel Messi) مۇ ئارگېنتىنا كوماندىسى تەركىبىدە بار ئىكەن.
ئاۋسترالىيە پۇتبول جەمئىيىتى بۇ ئەھۋالنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇلار بۇ ئەھۋالنىڭ يېقىندا قاتاردا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى مەزگىلىدە ئاۋسترالىيە پۇتبول كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ قاتاردىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە كۆچمەنلەر ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇشىنى تەنقىدلىشى بىلەن غايەت زور دەرىجىدە پەرق قىلىدىغان قىلمىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىنى كەسكىن تەنقىدلەۋاتقاندا ئۇلارنىڭ مۇسابىقە ئۈچۈن بېيجىڭغا بېرىشىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ، دېگەن.
ۋىكتورىيە ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم ئوسمان ئاۋسترالىيە پۇتبول كوماندىسىغا ئوچۇق مەكتۇپ يوللاپ: «سىلەرنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ ئارگېنتىنا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشمەكچى بولۇشۇڭلار ئاۋسترالىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ يۈزىگە كاچات بىلەن بىرنى سالغانلىققا باراۋەر. شۇنداقلا قىرغىنچىلىققا ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە شېرىك بولغانلىقتۇر» دەپ كۆرسەتكەن.
يېقىنقى مەزگىللەردە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىر قىسىم دۇنياۋى چولپانلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇلار ئىزچىل تۈردە تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى ئادالەتسىزلىككە دۇچ كەلگەن، شۇنىڭدەك ئاۋازى بوغۇلغان خەلقلەر ئۈچۈن سۆز قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم، دەپ قاراۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ جەھەتتە ۋاسكېتبول چولپىنى ئەنەس كەنتەر ۋە پۇتبول چولپىنى مەسئۇد ئۆزىل ئىزچىل ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلغان ھەمدە ئادالەتنى ھىمايە قىلغانىدى.