ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزاسى لىسا سىڭ پارلامېنتتا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-08-22
Share

ئاۋسرالىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى لىسا مارىيا سىڭ تۈنۈگۈن، يەنى 21‏-ئاۋغۇست كۈنى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مەخسۇس تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق ۋە شانلىق بىر تارىخقا ئىگە بىر مىللەت ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىككى يىلدىن بۇيان مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

ب د ت ئىرقى ئايرىمىچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدىن نەقىللەر كەلتۈرگەن لىسا خانىم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نۆۋەتتە 2 مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ «قايتا تەربىيە» لاگېرلىرىدا سولىنىپ يېتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىن مىساللار كەلتۈرگەن لىسا خانىم خىتاينىڭ بۇ دەپسەندىچىلىكنى ئاتالمىش «دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» ۋە «مۇقىملىقنى ساقلاش» نامى ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لىسا خانىم بۇ سۆزلەرنى تۈنۈگۈن ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا كامبودژا ۋەزىيىتى ھەققىدە بەرگەن باياناتىنىڭ داۋامىغا قىستۇرۇپ ئۆتكەن. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا كامبودژادىكى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنىڭ چوقۇم ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭغا دېموكراتىك بىر دۆلەت بولغان ئاۋسترالىيەنىڭ چوقۇم ئارىلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئالدىنقى ھەپتە ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ تورىدا ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىمزالىق تەلەپنامە پائالىيىتى باشلانغان. مەزكۇر تەلەپنامىدە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاش ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى. ئاۋسترالىيە شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلانغان مەزكۇر پائالىيەت ھېلىھەم داۋام قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت