«سىدنېي ئەتىگەنلىك خەۋەرچىسى» نىڭ ماقالىسى: «تەھدىت ئاستىدىكى ئۇيغۇر مۇزىكىسى ئاۋسترالىيەدە يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشتى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.09.03

ئۇيغۇر سەنئەتچىلەر 2-سېنتەبىر ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «سېدنىي دىنىي مۇزىكىلار فېستىۋالى» دا ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى ئورۇنداپ، ئاۋسترالىيەلىك تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. سىدنېي شەھىرىدىكى رىۋېرسايىد تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ فېستىۋالدا ئاۋسترالىيەدىكى تونۇلغان ئۇيغۇر مۇزىكانت شۆھرەت تۇرسۇن بىلەن داڭلىق داپچى تاھىر ئىمىن راك مۇقامىنى ئورۇندىغان.

بۇ ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى «ئون ئىككى مۇقام» نىڭ «سىدنېي دىنىي مۇزىكىلار فېستىۋالى» دەك بىر چوڭ سەھنىدە تۇنجى قېتىم ئورۇندىلىشىدۇر. بۇ قېتىم سەھنىدە راك مۇقامىنى ئورۇنداشقا يەنە يىپەك يولى مۇزىكانتلىرىدىن تاشقى موڭغولىيەلىك مۇزىكانت بۇخچۇلۇن، ئاۋسترالىيەلىك مۇزىكانت، ئاۋسترالىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇزىكا لېكتورى كىم كيۇنو قاتارلىقلارمۇ ئىشتىراك قىلغان.

ئاۋسترالىيەدىكى «سىدنېي ئەتىگەنلىك خەۋەرچىسى» گېزىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئون ئىككى مۇقامى ھەققىدىكى بىر خەۋىرىدە «تەھدىت ئاستىدىكى ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ ئاۋسترالىيەدە يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشكەنلىكى» نى بىلدۈرگەن. ئۇيغۇر راك مۇقامى خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات -سەنئەتنى «ئەسەبىيلىك» ۋە «بۆلگۈنچىلىك» خاھىشى كۈچلۈك دېگەن باھانىدا چەكلەپ، بۇ ساھەدىكى نۇرغۇن مۇزىكانتلار، ناخشىچى ۋە سەنئەت تەتقىقاتچىلىرىنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ياكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماۋاتقان بىر مەزگىلدە «سىدنېي دىنىي مۇزىكىلار فېستىۋالى» غا قاتناشتۇرۇلغان ئىدى.

چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك ئەدەبىيات-سەنئىتى دىن بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش «ئاشقۇنلۇق» نى تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان. «سىدنېي دىنىي مۇزىكىلار فېستىۋالى» نىڭ سەنئەت يېتەكچىسى رىچارد پىتكۇۋىچ «سىدنېي ئەتىگەنلىك خەۋەرچىسى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە بۇ فېستىۋالدا مۇقامنىڭ ئاۋسترالىيەلىك تاماشىبىنلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «مەن بىر ئاۋسترالىيەلىك تاماشىبىن بولۇش سۈپىتىدە مۇقامنىڭ ھەقىقىي زوقىنى ھېس قىلدىم،» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.