يېقىندا ئاۋسترالىيىنىڭ مېلبورن شەھىرىدە ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پۇلبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،«ئۇيغۇر لوڭقىسى» نى تالىشىش دەپ نام بېرىلگەن مەزكۇر مۇسابىقىگە ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد، مېلبورن،سىدنېي ۋە باشقا شەھەرلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللەنگەن پۇتبول كوماندىلىرى قاتناشقان.
فېيسبوكتىكى ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، 25-دېكابىر كۈنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بىلەن ئاخىرلاشقان مەزكۇر «ئۇيغۇر لوڭقىسى» مۇسابىقىسىنىڭ غالىبلىق ئورنى سىدنېي كوماندىسىغا مەنسۇپ بولغان.
مېلبورن ۋە ئادېلايد كوماندىلىرى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئارىسىدا پۇتبول ھەرىكىتى ئۇزۇندىن بۇيان ئىزچىل جانلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، «ئۇيغۇر لوڭقىسى» نى تالىشىش مۇسابىقىسى 2006-يىلىدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
ئاۋسترالىيە غەرب ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان مەملىكەت بولۇپ، ئۇيغۇر جامائىتى ئاساسلىقى ئادېلايد، مېلبورن، سىدنېي شەھەھەرلىرىگە مەركەزلەشكەن. ئادېلاي قاتارلىق شەھەرلەردە مەخسۇس ئۇيغۇر تىلى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش كۇرسلىرى ھەم باشقا مەدەنىي ۋە ئاممىۋى پائالىيەتلەر تەشكىل قىلىنىپ كېلىنمەكتە.
ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى مەدەنىيەت ۋە تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىدىن باشقا يەنە ھەر يىلى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان سىياسىي ھاياتىدا يۈزبەرگەن ۋەقەلەر مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش مۇراسىملىرى ۋە خىتاي كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ كەلمەكتە.