ئاۋسترالىيە خىتاينىڭ ئەيىبلەشلىرىگە «ئاۋسترالىيە ھامان ئاۋسترالىيە بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-11-19
Share

19-نويابىر كۈنى ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەگە كىشىلىك ھوقۇق، مۇستەقىل ئاخبارات ۋە مەبلەغ سېلىش سىياسەتلىرىگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويغان ئون نەچچە ماددىلىق نارازىلىق تىزىملىكىگە جاۋاب قايتۇرۇپ: «بىز ھامان ئاۋسترالىيە بولىمىز،» دېگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئاۋسترالىيە تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئاسترالىيەدىن ئۆچ ئېلىش خاراكتېرىدىكى ئىقتىسادىي جازالارنى قويۇشى بىلەن جىددىيلەشكەندىن كېيىن، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەت مىنىستىرلىرى يېقىندا بېيجىڭ بىلەن بولغان ئالاقىنى ياخشىلاشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىر بايانات ئېلان قىلىپ: «ئاۋسترالىيە خاتالىقىنى تۈزىتىش ئۈچۈن كونكرېت ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك،» دېگەن ۋە ئاۋسترالىيەنى خىتايغا تۇتۇۋاتقان 17 خىل سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرىپ، 17 ماددىلىق تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان.

بىراق ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سكوت موررىسون 19-نويابىر پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ تىزىملىكىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئاۋاسترالىيەنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئېيتقان ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ ئەركىن ئاخبارات، سايلىنىپ چىققان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۆز پىكرىنى بايان قىلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە سۆزلەش قاتارلىق سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە «ئەگەر بۇلار مۇناسىۋەتتىكى جىددىيلىكنىڭ سەۋەبى بولسا، ئۇنداقتا، بۇ جىددىيلىك ئاۋسترالىيەنىڭ پەقەت ئاۋسترالىيە بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ،» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن جاكارلىغان 17 ماددىلىق تىزىملىكتە ئاۋىستىرالىيەنىڭ «خىتاينىڭ خوڭكوڭ مەسىلىسى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە تەيۋەنگە ئوخشاش يادرولۇق مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى»، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاينى ئەيىبلىگەنلىكىنى ۋە تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا كىرىشىنى قوللىغانلىقى قاتارلىقلار ئورۇن ئالغان ئىكەن.

خىتاينىڭ مۇتىھەملەرچە تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈشى بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقى ۋە قارشىلىقىغا دۇچ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت