ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خىتايلار سېتىۋالماقچى بولغان چارۋا مەيدانى سودىسىنى رەت قىلماقچى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016-05-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلار سېتىۋالماقچى بولغان ئاۋسترالىيەدىكى ئەڭ چوڭ چارۋا مەيدانى سودىسىغا ئارىلىشىپ، ئۇنى رەت قىلىش نىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ۋال - سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىكى بىر شىركەتلەر گۇرۇھى بىرلىشىپ ئاۋسترالىيەدىكى باقمىچىلىق گۇرۇھى - س كىدمان ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ پايلىرىنى سېتىۋالماقچى بولغان. ئەمما بۇ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۆڭلىگە ياقمىغان.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە مالىيە مىنىستىرى سكوت موررىسون ئەگەر بۇ سودا ئەمەلىيلەشسە كىدمان گۇرۇھىنىڭ 80 پىرسەنت پېيى خىتاي شىركىتىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئاۋسترالىيە چەتئەل مەبلىغىنى قارىشى ئالىدۇ. ئەمما، بىز ئالدى بىلەن بۇ مەبلەغلەرنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىمىزگە زىيانلىق ئەمەسلىكىگە چوقۇم ئىشەنچ قىلالىشىمىز كېرەك.»

س كىدمان شىركىتى ئاۋسترالىيەدە تامامەن چۆپ بىلەن بېقىلغان كالا گۆشلىرىنى ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە ئېكسپورت قىلىدىغان، كۆلىمى ئاۋسترالىيە ئومۇمىي يەر مەيدانىنىڭ 1 پىرسەنتىنڭ ئىگىلەيدىغان چارۋا مەيدانى ئىكەن.

بۇ مەيداننى خىتايغا جايلاشقان داكاڭ ئاۋسترالىيە مەبلەغ سېلىش شىركىتى ۋە ئاۋسترالىيە يېزا مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ سېتىۋېلىشقا تۇتۇنغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت