ئاۋسترالىيە خىتاينىڭ تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىدىكى كېرەكسىز قۇرۇلۇشلىرىنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.01.10

ئاۋسترالىيەنىڭ خەلقئارا تەرەققىيات مىنىستىرى كونسېتتا ۋېلس خانىم خىتاينىڭ تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلىرىگە سېلىۋاتقان كېرەكسىز قۇرۇلۇشلىرىنى تەنقىد قىلدى.

ئۆزىنىڭ مىكرونېزىيە، فىجى، تونگا قاتارلىق ئارال دۆلەتلىرىگە 24 قېتىمدىن ئارتۇق زىيارەت ئېلىپ بارغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا خىتاي تەرىپىدىن سېلىنغان، ئەمما تولۇق ئىشلىتىلمىگەن كۆپ ساندىكى قۇرۇلۇشلارنى كۆرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان مىنىستىر كونسېتتا ۋېلس خانىم، خىتاينىڭ بۇ بىر يۈرۈش پايدىسىز قۇرۇلۇشلارنى پەقەتلا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن سالغانلىقىنى، بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ئاھالىلىرىگە قارىتا ئەمىلى بولغان پايدىلىنىش قىممىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مىنىستىر كونسېتتا خانىم خىتاينىڭ بۇ ياردىمىنى ئەپسانىلەردىكى پادىشاھلارنىڭ «ئاق پىل» ھەدىيەسىگە، يەنى پايدىلانغىلى بولمايدىغان، ئەكسىچە پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان بىر ھەدىيەگە ئوخشاتقان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۈ كاڭ بۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋابەن، مەزكۇر قۇرۇلۇشلارنىڭ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى خەلقلىرىنىڭ جېنىغا ئەسقېتىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ شۇ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلغان. 

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدا ئۆز تەسىرىنى كۈچەيتىش ئۇرۇنۇشلىرى يېقىدىن بۇيان ئاۋسترالىيە دائىرىلىرىنى سەگەكلەشتۈرگەن. ئالدىنقى ئايدا ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى چەت دۆلەتلەرنىڭ ئاۋسترالىيە سىياسىتىگە جاسۇسلار ئارقىلىق قول تىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە قانۇن ماقۇللاشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، ئاۋسترالىيە ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى سام داستيارى خىتاي شىركىتى بىلەن ھەمكارلىقى سەۋەبلىك ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.