ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە ھالدا بۇنىڭغا ئارىلىشىپ قالغانلىقى بولۇپ كەلمەكتە. يېقىندا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «دۆلەتلىك بايلىق فوندى» نىڭ بىر قىسىم مەبلىغى ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇشلارغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىگە پاي مەبلىغى قىلىپ سېلىنغانلىقى ئاشكارا بولغان.
«ئاۋسترالىيە رادىيو شىركىتى» نىڭ 7-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسىدىكى مەبلەغ تەقسىملەش خىزمىتى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ھۆكۈمەتنىڭ «ئىگىلىك ھوقۇق بايلىق فوندى» نىڭ مالىيەسىدىن ئاز دېگەندىمۇ خىتايدىكى 50 نەچچە شىركەتكە مۇشۇ خىلدا مەبلەغ سالغانلىقى، بۇ شىركەتلەردىن 14 شىركەتنىڭ بىردەك ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا بىۋاسىتە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان تور بىخەتەرلىكى مىنىستىرى جېيمىس پاتېرسون (James Paterson) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «بۇ شىركەتلەر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھەمدەم بولغۇچىلاردۇر. ئۇلارنىڭ نامى ئاۋسترالىيە خەلقىگە ناتونۇش بولسىمۇ ئەمما خىتايدا زور تەسىرگە ئىگە شىركەتلەر ھېسابلىنىدۇ» دېگەن.
بۇلارنىڭ ئىچىدىكى «شەندوڭ نەنشەن ئاليۇمىن گۇرۇھى» قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى تۈپەيلىدىن قارا تىزىملىككە ئېلىنغان شىركەتلەر بولۇپ، ئاۋسترالىيە خەلقىنىڭ باج ئۈچۈن تۆلىگەن پۇللىرىنىڭ بۇ خىل شەكىلدە زۇلۇمغا شېرىك بولۇشقا ئىشلىتىلىشى ھەر ساھەنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىغان. شۇنداقلا بۇ خىل مەبلەغ سېلىشقا خاتىمە بېرىش ھەققىدىكى چۇقانلار ئوتتۇرىغا چىققان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيە «ئىگىلىك ھوقۇق بايلىق فوندى» 2021-يىلى بېرما (ميانمار) ھەربىي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى ساھەگىمۇ مۇشۇ خىلدا مەبلەغ سالغان ئىكەن.