ئاۋسترالىيە تاراتقۇلىرى: «ئاۋسترالىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئاز دېگەندە 10 نەپەر ئۇيغۇر خىتايدا غايىب بولدى»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-01-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاۋسترالىيەنىڭ SBS تېلېۋىزىيە قانىلى ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر بېرىپ، نۆۋەتتە ئاۋسترالىيەدە تۇرۇش يېشىل كارتىسى ئالغان ئاز دېگەندە 10 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايدا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر بۇ كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. SBS نىڭ خەۋىرىدە، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇ لاگېرلارنى كىشىلەرگە قانۇن ۋە خىتاي تىلى ئۆگىتىپ، رادىكاللىقنى تۈگىتىدىغان «كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاتايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن 13 يىل بۇرۇن ئاۋسترالىيەگە كېلىپ سىدنېي شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر ئايال زۇلپىيە ھىۋىللانىڭ سىڭلىسى بىلەن سىڭلىسىنىڭ يولدىشى ئۆتكەن يىلى خىتايغا تۇغقان يوقلاشقا كېتىپ، ئىز -دېرەكسىز غايىب بولغان. ئۇ SBS تېلدېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، سىڭلىسى بىلەن سىڭلىسىنىڭ يولدىشىنىڭ 2017‏-يىلى 2‏-ئايدا يۇرتىغا قايتىپ بارغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھەر ئىككىسىنىڭ پاسپورتىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ قېيىن ئىنىسىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىگە ئىشىنىدىكەن. ئۇ، سىڭلىسىنىڭ ئوغلى بىلەن قىزىنىڭ ئاۋسترالىيەدە قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا بەك ئاچچىقى كەلدى ھەم ھەيران قىلدى. بالىلار بەك يىغلايدۇ، ئۇلار بەك بېسىمدا قالدى»دېگەن. SBS نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاۋسترالىيەنىڭ يېشىل كارتىسىغا ئىگە قانچە ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلمەيدىكەن.

ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مەزكۇر تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا،«ئاۋسترالىيە شىنجاڭدا ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق گۇۋاھنامىگە ئىگە قانچە ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېنىقلاشقا ئىمكانسىز قالدى» دېگەن. لېكىن ئاۋسترالىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتايشۇناس مۇتەخەسسىسى مايكېل كلاركنىڭ قارىشىچە، بۇنداق ئۇيغۇرلار ئاز دېگەندە 10 غا يېتىدىكەن. ئۇ، «ئەپسۇسكى، بىز كونكرېت ساننى بىلمەيمىز، بىراق مېنىڭ ئۇيغۇر جامائەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقەمدىن بۇنداق دېلولاردىن ئاز دېگەندە 10 نى بار، دەپ ئېيتالايمەن» دېگەن. ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شىمالىي ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل يۇقىرىقى دەرىجىلىك ئەمەلدارى گراھام فلېچىر ئۆتكەن يىلى 10‏-ئايدا ئاۋسترالىيە كېڭەش پالاتاسىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتايدا ئاز دېگەندە 3 نەپەر ئۇيغۇر ئاۋسترالىيە پۇقراسىنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى، بىراق ھازىر ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت