ئۇيغۇرلار ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ خىتاينى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەشكە چاقىرغان

ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئامېرىكانى ئۈلگە ئېلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىشقا چاقىرغان. ئاۋسترالىيە ئاخبارات شىركىتى-ABC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن فاتىمە ئابدۇغوپۇر ئامېرىكىنىڭ قارارىغا باھا بېرىپ، ئۇنىڭ قارارىنى «نوقۇل مېنىڭ خەلقىم ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور غەلىبە» دەپ كۆرسەتكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 19-يانۋار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق «يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان

خەۋەردە، فاتىمە ئابدۇغوپۇرنىڭ «بۇ، بىرى بۇ دۇنيادا دەرىجىدىن تاشقى كۈچ بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ قانداق قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئەگەر ئۇ بەك رەزىل ۋە قەبىھ جىنايەتچى بولسا جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ «دېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە يەنە ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن رامىلە چانىشېفنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ «بىز ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ۋە بارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ بىرلىككە كېلىپ، بۇ قىلمىشنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ ئاتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز «دېگەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە مەيدانىنىڭ «ئېنىق ۋە ھەممىگە ئايان «ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ ئاتاشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى؛ «بىز خىتاي ۋە ب د ت بىلەن بولغان ئۆزئارا مۇزاكىرىلىرىمىزدە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە چەك قويۇش، قاتتىق نازارەت ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك توغرىسىدىكى دوكلاتلارنى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدۇق «دېگەن.