ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى: «تەھدىتكە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار دەرھال ساقچى بىلەن ئالاقىلىشىشى كېرەك»

ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سېلىش ۋەقەلىرىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، تەھدىتكە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاۋسترالىيە ئابك قانىلىنىڭ ‏‏‏30‏-مارت خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر قانال خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئالاقە قىلىپ، ئۇلارنى پاسپورتى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى، خىزمەت ئورنىنىڭ ئادرېسى دېگەندەك شەخسىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى ئىگىلىگەن.

خەۋەردە، خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى كوزىر قىلىپ، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقى، بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەپ، خىتاي دائىرىلىرىگە ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار ۋە سودا مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتقانلىقىغا دائىر دوكلاتلاردىن خەۋىرى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭغا جىددىي قاراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار ۋە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى: «ھۆكۈمەت بۇ ئىشقا جىددىي قاراپ كەلدى، شۇنىڭدەك خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئالدىغا قويدى» دېگەن.

مەزكۇر باياناتچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «بۇ جەھەتتە ئەندىشىسى بار ھەرقانداق كىشى بولسا ساقچى بىلەن ئالاقە قىلىشى كېرەك» ئىكەن. خەۋەردە يەنە ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس، ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى مايكېل كلاركنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «چېگرادىن ھالقىغان بۇ خىل بېسىم شەكلى» ئارقىلىق ئاۋسترالىيەدىكى بىر قىسىم جامائەتلەرنىڭ دېموكراتىك ھەق-ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، سۆزلىشىنى توسۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدىكى نۇرغۇن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ غايىب بولۇشى ئۇلاردا زور ئەندىشە پەيدا قىلغان.

ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى نۇرمۇھەممەد مىجىت ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە تەدبىر قوللانمىغانلىقىنى تەنقىدلەپ، «بىز ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئاۋسترالىيەدە بىخەتەر، چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قورقۇتۇشى ۋە ئارىلىشىشىدىن خالى ياشىشىمىزغا كاپالەتلىك قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن.