ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-07-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارىسە پەيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىدىن جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىدىن «قاتتىق ئەندىشە» قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ 15‏-ئىيۇل ئاۋسترالىيە تاراتقۇلىرىغا ئاشكارىلىشىچە، ئاۋسترالىيە ئۆزىنىڭ قوش دۆلەت تەۋەلىكىدىكى پۇقرالىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا كونسۇل ياردىمى بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي رەت قىلغان. پەيىن بۇ سۆزلەرنى ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىگەن. ئۇ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن جۈملىدىن تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز» دېگەن.

مارىسە پەيىن بۇ سۆزلەرنى ئاۋسترالىيەنىڭ ABC تېلېۋىزىيە قانىلى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس پروگرامما ئىشلەپ، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا غايىب بولغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ خىتاي كارخانىلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان مەزگىلدە قىلغان. ABC نىڭ پروگراممىسىدا ئاۋسترالىيەدىكى گۈلنۇر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ «شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى» دوختۇرخانىسىدا سېسترالىق قىلىدىغان 38 ياشلىق ھەدىسى دىلنۇرنىڭ 2017‏-يىلى يولدىشى بىلەن تەڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۈرۈمچىنىڭ مىدوڭ رايونىدىكى «شېڭشى خۇئائېر مەدەنىيەت تېخنولوگىيە شىركىتى» ناملىق بىر توقۇمىچىلىق كارخانىسىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. گۈلنۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ھەدىسى بۇ يىل 5‏-ئايدا لاگېردىن مىدوڭ رايونىدىكى توقۇمىچىلىق كارخانىسىدا ئىشلەشكە يۆتكەپ ئاپىرىلغان. دائىرىلەر ئۇنىڭ ھەپتىدە پەقەت بىر قېتىم ئائىلىسىگە قايتىپ، بالىلىرىنى ۋە ئاتا-ئانىسىنى كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلىدىكەن. دىلنۇر 6‏-ئايدا مېلبورىندىكى سىڭلىسى بىلەن ئۈندىداردا كۆرۈشكەندە بىر پارچە قەغەزگە خەت يېزىپ، «ئەگەر مەن بۇ يەردىن چىقىپ كېتەلمىسەم، مېنىڭ ئەھۋالىمنى خەلقئارا جامائەتكە ۋە ھۆكۈمەتلەرگە ئاشكارىلاڭ» دېگەن. دىلنۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىز-دېرىكى يوق ئىكەن. ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تەقدىرى ئاۋسترالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئىزچىل دىققىتىنى قوزغاپ، ھۆكۈمەتنى بۇنىڭغا جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىپ كەلگەن ئىدى. مارىسە پەيىن ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك رادىيوسىدا قىلغان سۆزىدە يەنە «بۇز يۇقىرىقى ئەندىشىمىزنى خىتايغا قەرەللىك يەتكۈزۈپ تۇرۇۋاتىمىز، جۈملىدىن مەن ئۆتكەن يىلقى زىيارىتىمدە بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويدۇم» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت