ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا ئۇيغۇر ئانا-بالىنى خىتاي چېگراسىدىن چىقىرىش ھەققىدە چاقىرىق قىلغان

مۇخبىرىمىز سادا
2019.07.17

17-ئىيۇل كۈنى ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەرايس پەين بېيجىڭدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئاۋسترالىيە پۇقراسى سادام ئابدۇسالامنىڭ خىتايدا قالغان ئايالى ۋە بالىسىنى خىتايدىن چىقىشقا يول قويۇش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان.

CNN نىڭ شۇ كۈندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 17-ئىيۇل قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گېڭ شۇاڭ سۆزىدە يەنە: «ئەگەر ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى بىزنى بۇ ئەھۋالغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلار بىلەن تەمىنلىسە، بىز چوقۇم ئۇلارنى بىز ئەزەلدىن قىلىپ كەلگەندەك زۆرۈر بولغان ياردەم بىلەن تەمىنلەيمىز،» دېگەن.

خەۋەردە ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەرايس پەين سادام ئابدۇسالامنىڭ ئايالى ۋە بالىسى بىلەن جەم بولۇشى ئۈچۈن داۋاملىق ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سادام ئابدۇسالام 2013-يىلى ئاۋسترالىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن. ئۇ 2016-يىلى ھازىرقى ئايالى نادىرە ئۆمەر بىلەن توي قىلغان ۋە 2017-يىلى ئوغلى لۇتفىيار سادام تۇغۇلغان. سادامنىڭ ئايالى نادىرە ئاۋسترالىيە پۇقراسى بولمىغانلىقتىن ئوغلى بىلەن بىللە ئىزچىل خىتايدا تۇرۇپ سادامنىڭ مۇناسىۋەتلىك يوللارنى قىلىشىنى ساقلىغان. ھالبۇكى ئۇيغۇر دىيارىدا 2017-يىلىدىن باشلانغان زور كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ تەسىرىدە نادىرە ئۆمەر ۋە لۇتفىيار سادامنىڭ چەتئەلگە چىقىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغان. 16-ئىيۇل سادام ئابدۇسالامنىڭ ئايالى ۋە بالىسى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىق ۋىدىيوسى تارقىتىلغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئايالىنى تۇتۇپ كەتكەن ۋە ئۈچ سائەت سوراق قىلىپ قويۇپ بەرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، سادام ئابدۇسالام ئايالى ۋە بالىسىنى ئاۋستىرالىيەگە ئەكېلىش ئۈچۈن داۋاملىق ئىزدەنمەكتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.