«CGTN» قانىلىغا سۆزلىگەن ئاۋسترالىيەلىك سەيياھ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمنى ئىنكار قىلىپ زور تەنقىدكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-08-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ چەتئەللەرگە قاراتقان ئىنگلىز تىلىدىكى تەشۋىقات قانىلى بولغان «CGTN» قانىلى يېقىندا خىتايدا ياشايدىغان ئاۋسترالىيەلىك بىر ئىنگىلىزنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدە زۇلۇم يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان.

جېررىي ئىسىملىك بۇ كىشى مەزكۇر زىيارەت پروگراممىسىدا ئۆزىنىڭ ۋىلېسىپىت ئارقىلىق ساياھەت قىلىدىغان سەيياھلىقىنى ۋە خىتاي مىللىتىدىن بولغان ئايالى بىلەن بىرگە 2019-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە ۋېلىسىپىتلىك ساياھەت قىلىپ باققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ كىشى ئۆزىنىڭ زىيارىتى داۋامىدا ھەر يەردە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشلىرىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق ھەرگىزمۇ چەكلىمىگە ئۇچرىمىغانلىقىنى، خالىغان جايىغا بېرىپ سۈرەت تارتقانلىقىنى، بۇ جەرياندا رايوندا مەسجىتلەردە ئەزان ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ خالىغانچە مەسجىتلەرگە كىرگەنلىكىنى، ئۇ يەردە دىنىي بېسىم بار دېيىشنىڭ قىپقىزىل بىر يالغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسچىتلەرنى چاققانلىقىنى يالغان دەپ، تۇرپاندىكى ئىمىن ۋاڭ مۇنارىنى بۇنىڭ ئىسپاتى، دېگەن. ئۇ يەنە مەن ئۇ يەردە لاگېرلارنى كۆرمىدىم، دەپ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقىدەك پاكىتنى رەت قىلغان.

مەزكۇر شەخس يەنە تىۋىتتېر ھېسابى ئارقىلىق مۇشۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلارنى تارقىتىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى بىلەن تونۇشلۇق شەخسلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن. ئۇلار نۇرغۇن پاكىتلار ئارقىلىق ئۇنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بەرگەن. نۇرغۇن تىۋىتتېر قوللانغۇچىلىرى ئۇنىڭ سۆزلىرىنى «شەرمەندىلىك» دەپ تەنقىدلىگەن.

ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى تىمۇسىي گرۇس خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە دىنىنى چەكلەش سىياسەتلىرى ئۈستىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارغان بىر مۇتەخەسسىس بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېلان قىلغان ھەر تۈرلۈك ئۇقتۇرۇش ۋە رەسىملىك پاكىتلارغا ئاساسەن يۇقىرىقى كىشىنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بەرگەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە قىلغان. بىراق تىمۇسىينىڭ تىۋىتتېدا كۆرسىتىشىچە، يۇقىرىقى بۇ ئاتالمىش ئاۋسترالىيەلىك سەيياھ تىموسىينىڭ سوئاللىرىغا قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرەلمەي، ئۇنى تىۋىتتېردىن چەكلىۋەتكەن.

«CGTN» قانىلى ئىنگلىز تىلىدا تارقىتىش قىلىدىغان خىتاينىڭ تەشۋىقات ئاۋازى بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «چەتئەل ۋاكالەتخانىسى» دەپ بېكىتىلگەن 9 ئاخبارات ئورگىنىنىڭ بىرى. ئۇ ئىلگىرىمۇ لاگېرغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغقانلىرىنى ئۇلارغا قارشى سۆزلىتىپ ۋىدىيو تارقاتقان ۋە بۇ ئارقىلىق لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت