ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بويىچە خىتاينى ئەيىبلىشى ئالقىشلاندى

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ھەق-ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئالقىشلىدى ھەمدە بۇنىڭ داۋام قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى باشلامچى بولۇپ ئىمزا قويغان بايانات 22-ئۆكتەبىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ يىللىق مەجلىسىدە ئوقۇلغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدىكى قىرغىنچىلىق قىلمىشى ئەيىبلەنگەن بۇ باياناتتا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسى ئىككى يىل بۇرۇن ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىكى دوكلات ۋە باشقا ئاشكارا مەلۇماتلار ئەسكەرتىلىپ «شىنجاڭدا خالىغانچە قولغا ئېلىش، ئائىلە جۇدالىقى، مەجبۇرىي ئەمگەك، مەدەنىيەت ۋە تىل چەكلىمىسى، جىنسىي زوراۋانلىق ۋە جىسمانىي قىيناق قىلمىشلىرى ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ» دېيىلگەن. ئۇلارنىڭ باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى شۇنچە كۆپ تەۋسىيە ۋە تەكلىپلەرنى ئويلىشىپ كۆرۈشنىڭ ئورنىغا «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئېلان قىلغان دوكلات قىپقىزىل يالغان. ئۇنى ئىناۋەتسىز قىلىۋېتىش لازىم» دېگەنلىكى كەسكىن ئەيىبلەنگەن.

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» ئۆز باياناتىدا مۇشۇ ئەھۋاللارنى تىلغا ئېلىپ «ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى داۋاملىق ھالدا باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەرگە باش بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ۋە تىبەت رايونلىرىدىكى ھەق-ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاشكارا تەنقىدلەشتە ئاۋانگارتلىق رول ئوينىشى لازىم» دېيىلىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ھەققىدىكى تەنقىدىي پىكىرلىرى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچ ئېلىش ئوبيېكتى بولۇپ قالغان. شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى ئېغىر كىرىزىسقا دۇچ كەلگەن.