ئاۋسترالىيە تەتقىقاتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يالغانلىرىغا رەددىيە بەردى
«ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتى» نىڭ خادىملىرى بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ كېڭىيىش ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات تەييارلاپ چىقىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇشنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەنىدى. بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ئىنستىتۇتنى «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى دۈشمەن كۈچلەر» دەپ ئاتىغانىدى.
ئۆتكەن ھەپتە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» بىرنەچچە مەكتەپ ۋە چوڭلار ساناتورىيەسىنىڭ بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلىپ «دۈشمەن كۈچلەر پۇقرالار ئۈچۈن سېلىنغان بىنالارنى ‹لاگېر› دەپ يالغانچىلىق قىلدى» دېدى. ئەمما مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ خادىملىرىدىن نېيسىن رۇسېر بۇ سۈرەتلەرنىڭ ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىك نۇقتىلىرىنى تەكشۈرۈپ، بۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە لاگېردىن سەككىز كىلومېتىر (بەش مىل) نېرىسىدىكى بىنالار ئىكەنلىكىنى، بۇ سۈرەتلەرنىڭ ئورنى دېيىلگەن نۇقتىلاردا ھېچقاچان «چوڭلار ساناتورىيەسى» قۇرۇلمىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بۇ قېتىم ‹يەر شارى ۋاقتى› گېزىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئالدامچىلىق قىلغانلىقىنى كۆردۇق» دېدى.
يېقىندىن بۇيان خىتاي بىلەن ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئىزچىل يامانلىشىۋاتقان بولۇپ، تېخى ئۆتكەن ھەپتە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ «ئاۋسترالىيە ئەسكەرلىرى بىگۇناھ ئافغانلارنى قىرغىن قىلدى» دېگەن تۆھمەتلىرى ئۈچۈن ئەپۇ سوراشنى تەلەپ قىلغانىدى.









