ئاۋسترالىيە پۇقراسى سادام ئابدۇسالام 3 يىلدىن بېرى ئايرىلىپ تۇرغان ئايالى ۋە پەرزەنتى بىلەن ئاخىرى جەم بولدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.12.11

ئاۋسترالىيە پۇقراسى سادام ئابدۇسالامنىڭ ئايالى نادىرە ئۆمەر بىلەن ئۇنىڭ 3 ياشلىق ئوغلى لۇتفى 10-دېكابىر كۈنى ئاۋستىرالىيەنىڭ مېلبورن شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، ئائىلىسى بىلەن جەم بولغان. ببچ نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى دىپلوماتىك مۇزاكىرىلەردىن كېيىن نادىرە ۋە ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ خىتايدىن ئايرىلىشىغا يول قويغان. خىتاي ھۆكۈمىتى سادام ئابدۇسالامنىڭ خىتاي گراژدانى بولغان ئايالى ۋە ئۇنىڭ ئاۋسترالىيە گراژدانى بولغان ئوغلىنى 2017-يىلدىن بېرى ئۈرۈمچىدە گۆرۈگە تۇتۇۋېلىپ، ئانا-بالا ئىككىسىنى ئائىلىسىدە نەزەربەند قىلغان.

سادام ئابدۇسالام 2017-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان ئوغلىنى يۈزمۇ-يۈز كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. ئۇ 11-دېكابىر كۈنى ئايالى ۋە ئوغلى بىلەن سېدنىي ئايرودرومىدا چۈشكەن رەسىمىنى تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغان. سادام ئابدۇسالام شۇ كۈنى تىۋېتتېرغا يوللىغان ئۇچۇرىدا ئاۋسترالىيەگە ۋە ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان ھەر بىر كىشىگە رەھمەت ئېيتقان. سادام ئابدۇسالام ئون نەچچە يىلدىن بېرى ئاۋسترالىيەدە ياشاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ 2016-يىلى نادىرە ئۆمەر بىلەن توي قىلغان. نادىرە 2017-يىلى ئوغلى لۇتفىغا ھامىلىدار ۋاقتىدا ئائىلىسىنى يوقلاپ ئۈرۈمچىگە بارغاندا، خىتاي دائىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغان.

بۇ جەرياندا ئۇ 2 ھەپتىدەك تۇتقۇن قىلىنىپ قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن پاسپورتى تارتىۋېلىنىپ، ئۇنىڭ ئۆيدىن ئايرىلىشىغا يول قويمىغان. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى يېقىنقى 2 يىلدىن بېرى نادىرە ۋە ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئاۋسترالىيەگە كېلىشىگە يول قويۇشنى رەسمىي تەلەپ قىلىپ كەلگەن. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ھەر خىل باھانىلەرنى كۆرسىتىپ، بۇ ئائىلىنىڭ جەم بولۇشىنى ئارقىغا سوزۇپ كەلگەن ئىدى. ببچ نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن 2-3 ئاي ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئاۋسترالىيەگە مېڭىشىغا يول قويۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.