خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەگە سىڭىپ كىرىش ئۇرۇنۇشلىرى زور دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-04-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ دۇنيادا يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن كۈچ سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي قۇۋۋىتىنى كېڭەيمىچىلىك ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتقانلىقى يېقىندا ئاۋسترالىيەلىك مۇتەخەسسىس كلايۋى خامىلتوننىڭ «سۈكۈتتىكى تاجاۋۇز» ناملىق ئەسىرىدە تەپسىلىي ۋە چوڭقۇر ئەكس ئەتتى.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئاۋسترالىيەنىڭ ھەممىلا ساھەسىگە، جۈملىدىن ئاخبارات، سىياسەت، مەدەنىيەت-مائارىپ، سودا قاتارلىق ساھەلىرىگە ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىش ۋە سىڭىپ كىرىشكە ئۇرۇنماقتا ئىكەن. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى قورچاق ھۆكۈمەتكە ئايلاندۇرۇپ قويۇشنى، شۇ ئارقىلىق ئاۋسترالىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى توزۇتۇۋېتىشنى ئىستىمەكتە ئىكەن.

ئۇ مۇشۇنداق ئومۇمىي ۋە خەتەرلىك بىر يۈزلىنىشنى ئاۋسترالىيەلىكلەرگە ئەسلىتىش ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر كىتاب يېزىپ چىققانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «مەن بۇ كىتاب ئارقىلىق ئاۋسترالىيەلىكلەرنى ئويغىتىشنى، ئۇلارغا ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان ئومۇمىي خەتەرنى ھەمدە نېمە ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاۋسترالىيەنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈشنى ئويلىدىم» دېگەن.

ھالبۇكى، ئۇنىڭ بۇ ھەقتە مۇشۇنداق بىر زور ھەجىملىك ئەسەرنى يېزىشىمۇ ئۇنچە ئاسانغا چۈشمىگەن. ئۇ بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلغان ھامان خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ پېيىگە چۈشكەن. ھەتتا ئۇنىڭ ئەسىرىنى نەشر قىلماقچى بولغان نەشرىياتمۇ خىتاي بىلەن ئاداۋەتلىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن، بۇ كىتابنى نەشر قىلىش پىلانىنى بىكار قىلماقچىمۇ بولغان. ئەمما ئاخىرى ئۇ بۇ ئەسەرنى نەشر قىلىشقا مۇۋەپپەق بولغان ھەمدە ئاۋسترالىيەلىكلەرگە ئۇلارنىڭ قانداق بىر خەتەرگە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ئوڭۇشلۇق ئەسكەرتىشكە قادىر بولالىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت