ئامېرىكىنىڭ ئاۋسترالىيە باش ئەلچىسى جون بەرىي ئاۋسترالىيە تاشقى سىياسىتىدىكى خىتاينىڭ تەسىرىگە قارىتا ئەندىشىسىنى بايان قىلغان ۋە ئاۋسترالىيەنى بەزى تۈزۈملىرىنى ئىسلاھ قىلىپ، خىتاينىڭ پۇل ئىئانە ئارقىلىق ئاۋسترالىيە سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرغان.
ئۆتكەن ھەپتە ئاۋسترالىيە سىياسەتچىلىرىدىن سام داستيارىنىڭ 1250 دوللار سەپەر چىقىمىنى سېدنىيدىكى بىر خىتاي شىركىتىگە تۆلەتكۈزگەنلىكى ئاۋسترالىيە ئاخباراتىدا تالاش-تارتىش بولغان ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە سام داستيارى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن ئىدى. مەلۇم بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تېگى ئىرانلىق بولغان سام داستيارى خىتاي ئاخباراتىغا قىلغان سۆزلىرىدە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان، بۇ قاراش ئاۋسترالىيەنىڭ ئۆكتىچى ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىنىڭ سىياسىتىگە تۈپتىن خىلاپ بولۇپ، ئۇ كېيىن بۇ سۆزلەرنىڭ پەقەت ئىپادىلەشتىكى خاتالىق ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە پارتىيىسىنىڭ سىياسىتىگە قارشى ئەمەسلىكىنى بايان قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئەمگەك ۋە كونسېرۋاتىپ ئەركىنلىك پارتىيىلىرىگە قىلغان ئىئانە پۇلى 230000 ئاۋسترالىيە دوللىرىدىن ئارتۇق بولۇپ، ئامېرىكا باش ئەلچىسى بۇنىڭ ئەندىشىلىنەرلىك بىر رەقەم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە ئاۋسترالىيەنى دېموكراتىيە جەھەتتە «ئورتاق قىممەت قاراشقا ئىگە بولمىغان ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەسىرىدىن ئۇزاق تۇرۇش» مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا دەۋەت قىلغان.
