ئاۋسترىيە پارلامېنت ئەزاسى گۇدرۇن كوگلېر 22-سېنتەبىر پەيشەنبە كۈنى ئاۋسترىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر بۇ گۇۋاھلىق يىغىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتسە، بۇ ئاۋسترىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تۇنجى گۇۋاھلىق يىغىنى بولۇپ قالىدۇ. «پرىنت» ناملىق تور خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاۋسترىيەدىكى يەرلىك تاراتقۇلار گۇدرۇن كوگلېرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
«پرىنت» تور گېزىتىنىڭ ئاۋسترىيە تاراتقۇلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا قازاق لاگېر شاھىتى سايراگەل سائۇتباي، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە باشقا كىشىلەر گۇۋاھلىق بېرىدىكەن. يەرلىك تاراتقۇلاردا گۇۋاھلىق يىغىنىنىڭ 22-سېنتەبىر شۇ يەرنىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 6 دە، ۋىيېننادىكى بۇرگ كۆرگەزمە زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى، يىغىنغا يەنە گېرمانىيەلىك ژۇرنالىست ئالېكساندرا كاۋاليۇسنىڭمۇ قاتنىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
پارلامېنت ئەزاسى گۇدرۇن كوگلېرنىڭ گۇۋاھلىق يىغىنى ئاۋسترىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۆتكەن ھەپتە ۋىيېننادا نامايىش قىلىپ، خىتاينىڭ يۇقۇمنى باھانە قىلىپ غۇلجادا يۈرگۈزگەن قاتتىق كارانتىن تەدبىرلىرىگە ۋە كارانتىننىڭ ئاچارچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئۆتكۈزۈلىدۇ. غۇلجىدىكى كارانتىن ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيە ۋە غەربتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. «پرىنت» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاۋسترىيە تاراتقۇلىرىدا خىتاينىڭ يۇقۇمنى باھانە قىلىپ پۇقرالارنى ئۆيلىرىگە بەند قىلغانلىقى، بۇنىڭ ئاچارچىلىق پەيدا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.
