خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا ئاخباراتچىلىقنىڭ مۇقىملىقنى ئۆلچەم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.11.04

4‏-نويابىر ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 17‏-نۆۋەتلىك مۇخبىرلار بايرىمى مۇكاپات يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تيەن ۋېن تەبرىك سۆزى قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا ئاخباراتچىلىق خىزمىتى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى چىقىش قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تيەن ۋېن يەنە، «ئاخباراتچىلار پارتىيە ۋە خەلقنىڭ زۇۋانى بولۇشتەك مۇقەددەس ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىپ، توغرا نەزەرىيە يۆلىنىشىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇشى» كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
مەزكۇر يىغىن چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى تىزىملىك ئېلان قىلىپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى «ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ كۈشەندىسى» دەپ جاكارلاشتىن بىر كۈن كېيىن ئېچىلغان. چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى دۇنيادىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ئىزچىل خىلاپلىق قىلىۋاتقان 35 شەخس ۋە تەشكىلاتنى بۇ تىزىملىككە كىرگۈزگەن.

بۇ تەشكىلات خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئۇچۇر ۋە تورنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پىكىر بايان قىلىش، ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئەركىنلىكىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن بەزى بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، تور ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتكەن. ئۇ، بۇ بەلگىلىمىلەردە، چەكلەنگەن تورلارغا تام ئاتلاپ كىرگەن كىشىلەرنىڭ 2‏-دەرىجىلىك تېررورلۇق بىلەن جازالىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

لېكىن تيەن ۋېننىڭ يىغىندا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «شىنجاڭدا ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىي نىشان ئۈچۈن ياخشى جامائەت پىكرى تەييارلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.