خىتاينىڭ چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرىنى ئاخبارات يىغىنىدىن چەكلىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-10-26
Share

بۈگۈن، «خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى» بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە قويغان چەكلىمىسىنى تەنقىد قىلدى.

چارشەنبە كۈنى خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ يېڭىدىن بەلگىلەنگەن ئەزالىرىنى تونۇشتۇرۇش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلغاندا، خىتاي دائىرىلىرى بىر قىسىم داڭلىق چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىنى يىغىن زالىغا كىرگۈزمىگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى»، ب ب س خەۋەر ئاگېنتلىقى، «مالىيە ۋاقتى گېزىتى»، «ئىقتىسادشۇناسلار گېزىتى» ۋە «مۇھاپىزەتچى» قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى بار ئىكەن.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، مەزكۇر ئاخبارات يىغىنىغا مەسئۇل خادىم بۇنىڭغا ئېنىق بىر چۈشەنچە بەرمىگەن، ئەمما بەزى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ بۇنىڭغا تەكلىپ قىلىنمىغانلىقىنى ئېيتقان. «خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبى» بۇ ئەھۋالغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ياقتۇرمايدىغان خەۋەرلەرنى ئېلان قىلغان ژۇرنالىستلارنى بۇنداق ئۇسۇل ئارقىلىق جازالاش ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغانلىقتۇر، » دېگەن. «مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى» ئاسىيا ئىشلىرى باشلىقى ستىۋېن باتلېر باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنى مۇخبىرلارنىڭ خىتايدا ئەركىن خىزمەت قىلىشقا توسالغۇ بولماسلىققا چاقىرغان.

قىزىقارلىقى شۇكى، دۇنيادىكى نوپۇزلۇق 5 ئاخبارات ئورگىنىنىڭ مۇخبىرلىرى كىرگۈزۈلمىگەن بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى سۆز قىلىپ، «بىز مۇخبىرلارنى خىتاينىڭ ھەممە يەرلىرىگە بېرىپ، خىتاينى يەنىمۇ ياخشى تونۇشقا چاقىرىمىز، » دېگەن. خىتايدا خىزمەت قىلىدىغان بىر چەتئەل ئاخباراتىنىڭ مۇخبىرى تىۋىتتىر تورىغا « مەن شى جىنپىڭنىڭ بۇ ئاۋازىنى ئېلىپ يېنىمغا سېلىۋالىمەن، كېلەر قېتىم ساقچىلار يولۇمنى توسسا بۇ ئاۋازنى قويۇپ بېرىمەن، » دەپ ئىنكاس يازغان.

خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتلاردىن قارىغاندا، خىتاي چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئەركىن خىزمەت قىلىشى ئەڭ قېيىن دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن. چەتئەللىك ژۇرنالىستلارنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت قاتارلىق جايلارغا بېرىشى ياكى ئۇ بۇ جايلار ھەققىدە بىر نەرسە يېزىشى كۈچلۈك توسقۇنلۇققا ئۇچراپ كەلمەكتە. فىرانسىيەلىك ژۇرنالىست ئۇرسۇلا خانىم بۇنىڭ تىپىك مىسالى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت