ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاخباراتچىلار سىياسىي جەھەتتىن قەتئىي بولۇشقا چاقىرىلدى

ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، ئاخبارات ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكىنىڭ قاتتىق بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي دائىرىلىرى يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاخباراتچىلارنى پارتىيىنىڭ سىياسىي يۆنىلىشىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇشقا چاقىرغان.

خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى يېقىندا ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرگە يىغىن ئېچىپ، ئۇلارنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە قەتئىي ئاخباراتچىلاردىن بولۇشقا چاقىرغان.

خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى شى جىنپىڭ دەۋرىدە خىتايدىكى ئاخبارات -پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ ھەسسىلەپ چېكىنگەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدا ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بىراق، دائىرىلەر يېقىندىن بۇيان ئارقا -ئارقىدىن يىغىن چاقىرىپ، ئاخبارات ساھەسى ۋە ئىنتېرنېت تورىنى باشقۇرۇپ، ئۇنى پارتىيىنىڭ مەيدانى ۋە ئىجابىي تەشۋىقاتلار ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى جىددىي تەكىتلىمەكتە.