ئامېرىكانىڭ يەرشارى ئاياللار ئىشلىرى باش ئەلچىسى بارلىق ئايال سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يەرشارى ئاياللار ئىشلىرى ئالاھىدە باش ئەلچىسى گېتا رائو گۇپتا(Geeta Rao Gupta) «خەلقئارا 8-مارت ئاياللار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئاتلانتىك كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، دۇنيادىكى ناھەق تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق ئاياللارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان. ‍ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىندا توماس گرېنفىلد(Linda Thomas Grenfield) سۆز قىلىپ، ناھەق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئايال مەھبۇسلارنى قوللاشنىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى، شۇنداقلا ب د ت نى ‍ئۆز ئىچىگە كۆپ تەرەپلىك تەشكىلاتلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىكەنلىكى، بۇ زىيانكەشلىك قىلىشقا قاتناشقانلارنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئاتلانتىك كېڭىشىنىڭ 7-مارت ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بۇ يىغىنى، دۇنيادىكى ناھەق قامالغان ئاياللار مەسىلىسى ۋە بۇ ناھەقچىلىكنىڭ خەلقئارا تەسىرىنى مەركىزى مۇزاكىرە تېمىسى قىلغان. گېتا رائو گۇپتا ۋە لىندا توماس گرېنفېلد بىلەن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش بىرلەشمىسى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى رەھىمە مەخمۇت 8-مارت ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋىدىيولۇق چاقىرىق ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا زىيانكەشلىك قىلىشىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلغان. رەھىمە مەخمۇت چاقىرىقىدا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا، خىتايغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە چاقىرغان.

خەلقئارادا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قىلغان زىيانكەشلىكىنى جاۋابكارلىققا تارتىش چۇقانلىرى ياڭراۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بېيجىڭدا خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئاتالمىش بەزى ئايال «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» دىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى ئاقلىغانلىقى مەلۇم. «شىنجاڭ تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى دىلنار ئابدۇللا ‍ئۆزىنىڭ يىغىندا «مەركەزنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقىنى كۈچەيتىش تەكلىپ لايىھەسى» سۇنغانلىقىنى ئېيتقان. ھالبۇكى، ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان بۇ قۇرۇلۇشتا، ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىك ئوبيېكتىغا ئايلانغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.