«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 9-مارت كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «8-مارت ئاياللار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر رايونىدا «70 يىلدىن بۇيان شىنجاڭدىكى مائارىپ، ئاياللار، بالىلار ئىشلىرى تەرەققىياتى ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.
يىغىندا «شىنجاڭ ئاياللار بىرلەشمىسى» نىڭ رەئىسى ئاينۇر ئەخمەت سۆز قىلىپ: «ئاياللارنى ھۆرمەتلەش ۋە بالىلارنى ئاسراش جەمئىيەتنىڭ مەدەنىي تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. شىنجاڭدا ئاياللار ۋە بالىلار ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتلىرى قوغدالدى» دېگەن؛ بۇنىڭغا مىسال قىلىپ، ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكى، ئايال كادىرلارنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئىنستىتۇتى» نىڭ باشلىقى لى شياۋشىيا سۆز قىلىپ، يېڭى خىتاي قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر رايونىدا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى، 2020-يىلىغا كەلگەندە بۇ نىسبەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە ئۇيغۇر رايونىدىكى يەسلى مائارىپىنىڭ گۈللەنگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «1949-يىل شىنجاڭدا 2 يەسلى بار ئىدى، 2020-يىلىغا كەلگەندە 768 يەسلى قۇرۇلدى» دېگەن.
كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ يىغىندا تەشۋىق قىلىنغانلار رېئاللىقنىڭ نەق ئەكسىچە بولۇپ، ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىلىرى جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ئاجىز قاتلىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاينىڭ 70 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان سىياسىي ھەرىكەت ۋە خىلمۇ خىل باستۇرۇشلىرىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەلگەن. بولۇپمۇ 2017-يىلدىن كېيىن باشلانغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا خىتاينىڭ ئەڭ ئېغىر ھۇجۇم نىشانى ئاياللار ۋە بالىلار بولغان. تۈرمە ۋە لاگېرلاردا دەھشەتلىك خورلۇققا ئۇچرىغان ئاياللار، ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلىپ يېتىمخانىلارغا سولانغان بالىلار بۇنىڭ ئىسپاتى ئىكەن. بۇ يەردە دېيىلگەن 768 يەسلىنىڭ ئىچىدە ئەنە شۇنداق يېتىمخانىلارنىڭ بارلىقى ئېنىق بولۇپ، 500 مىڭدىن كۆپ بالىنىڭ بۇ يېتىمخانىلاردا، ئاتالمىش «ياتاقلىق مەكتەپلەر» دە خارلىق ۋە زارلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى، خىتايچە تەربىيە ئېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغانىدى.
