27-ماي پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، ئامېرىكادىكى ستانتون ئاممىۋى سىياسەت مەركىزى-بىنەپشە رەڭلىك ساش ئىنقىلابى دەپ ئاتىلىدىغان ئاياللار ھوقۇقى تەشكىلاتى ئەزالىرى ئاقساراي ئالدىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قاراتقان زوراۋانلىقىنى ئەيىبلەش نامايىشى ئۆتكۈزگەن.
ئۇلار نامايىشتا يەنە بايدeن ھۆكۈمىتىدىن 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ستانتون ئاممىۋى سىياسەت مەركىزى ئاياللار ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ۋە بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى قىلىدىغان ئاياللار تەشۋىقات ۋە مائارىپ گۇرۇپپىسى بولۇپ، بۈگۈنكى نامايىش ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتىلغان زۇلۇم ۋە زىيانكەشلىك ئېڭىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان دۇنياۋى سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.
«ئۆلچەملىك خەۋەر تورى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ستانتون ئاممىۋى سىياسەت مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى براندى سۋىندېل خانىم بۇ ھەقتىكى سۆزىدە «دۇنيا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قىلىۋاتقان مىسلى كۆرۈلمىگەن ھەرىكەتلىرىنى كۆرۈۋاتىدۇ. ئۇلار مەجبۇرىي ھامىلدارلىق تەكشۈرۈشى، تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، باسقۇنچىلىق ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە. بۇ ئامېرىكا ۋە دۇنيادىكى ئەركىن دۆلەتلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتىلغان بۇ ھۇجۇملارغا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك،» دېگەن.
ئۇ يەنە بۇ گېزىتكە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «بۇ دەھشەتلىك ۋەھشىيلىككە قارىتا ستانتون ئاممىۋى سىياسەت مەركىزى ئۇيغۇر ئاياللىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئۇلارنىڭ مەسىلىسىگە خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن دۇنيا مىقياسىدا پائالىيەت باشلىدى. بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزنىڭ بىرىنچى قەدىمى پرېزىدېنت بايدېننىڭ 2022-يىلىدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشىنى تەلەپ قىلىشتۇر. ئامېرىكادىكى ئاياللار ئۈچۈن ئاياللارنىڭ باراۋەرلىك ۋە ئادالەت كۈرىشىنى دۇنيا مىقياسىدا ھېس قىلىش تولىمۇ مۇھىم.»
مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشقا قاتناشقان ئاياللار قوللىرىدا «ئۇيغۇر ئاياللىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز»، «پرېزىدېنت بايدېن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشى كېرەك» دېگەن پلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغان.
