خىتاي ھۆكۈمىتى بالىلار مائارىپ پروگراممىسىدىن «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى قوغداش» دېگەن ماددىنى چىقىرىۋەتكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.10.01

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئ‍ۆزىنىڭ 10 يىللىق يېڭى «بالىلار مائارىپ تەرەققىيات پروگراممىسى» نى ئېلان قىلغان. بىراق ھەر پۇرسەتتە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى قوغداۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، يېڭى پروگراممىسىدا بۇرۇنقى «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە قوغداش» دېگەن ماددىنى چىقىرىۋەتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ ئورنىغا «ئورتاق دۆلەت تىل-يېزىقىنى كېڭەيتىشنى ئالغا سۈرۈش» دېگەن ماددا كىرگۈزۈلگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا چەكلەپ، خىتاي تىلىنى «ئورتاق دۆلەت تىلى» دېگەن نامدا ئومۇملاشتۇرۇشقا كىرىشكەنگە خېلى بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ سىياسىتى بۇ قېتىم خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىيلەشكەن. تەتقىقاتچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنى بىلەن بىر ۋاقىتتا 600 مىڭدىن 800 مىڭغىچە بولغان ئۇيغۇر بالىلىرىنى مەجبۇرىي «ياتاقلىق مەكتەپلەر» گە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئانا تىلى ۋە ئەنئەنىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 28-سېنتەبىر ئېلان قىلىنغان 10 يىللىق «ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات پروگراممىسى» نىڭ 3-قىسمىنىڭ 4-ماددىسى «مىللىي رايونلارنىڭ مائارىپ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئورتاق دۆلەت تىل-يېزىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەيتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىيات تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» قا ئۆزگەرتىلگەن. ھالبۇكى، ئۇنىڭ 2011-يىلى ئېلان قىلغان 10 يىللىق «ئ‍ۆسمۈرلەر تەرەققىيات پروگراممىسىدا «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە قوغداش» تەلەپ قىلىنغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.