2015-يىلى تايلاند پايتەختى باڭكوكتىكى ئېراۋان ئىبادەتخانىسىدا يۈز بەرگەن پارتلاشقا چېتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان ۋە «تېررورلۇق» گۇمانى بىلەن ئەيىبلىنىپ 8 يىلدىن بېرى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىككى ئۇيغۇر ياش-بىلال مۇھەممەت بىلەن يۈسۈپ مىرئەلىنىڭ سوتى 9 ئايلىق كېچىكىشتىن كېيىن قايتا باشلانغان.
«بېنار خەۋەرلىرى» (BenarNews)نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئادام قاراداغ دېگەن ئىسىم بىلەن بىلىنىدىغان بىلال مۇھەممەت سوتقا چاقلىق ئورۇندۇقتا ئېلىپ كېلىنگەن. ئۇ تەرجىمان ئارقىلىق «بېنار خەۋەرلىرى» گە قىلغان سۆزىدە سەككىز يىللىق قاماق ھاياتىنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان سالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ھازىر 40 كىلوگرامغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
8 يىلدىن بېرى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ سوتى، ئۇزۇن مەزگىل كېچىكتۈرۈلگەندىن كېيىن ئاخىرى 2022-يىلى 22-نويابىر قايتا باشلىنىپ، 26-نويابىرغىچە داۋاملاشقان ئىدى. ئۇلارنىڭ 2-قېتىملىق سوتى شۇ يىلى 6-دېكابىردىن 9-دېكابىرغىچە داۋام قىلغان. بىراق 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتى جامروئېن پانونپاكاكورننىڭ بىر ھادىسىدە پۇتى سۇنۇپ كەتكەنلىكتىن سوت يەنە بىر قېتىم توختىتىلغان.
ئارىدىن 9 ئاي ئۆتكەندە، يەنى بۇ يىل 29-ئاۋغۇست كۈنى ئۇلار قايتا سوتقا ئېلىپ چىقىرىلغان.
تايلاندتىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارغا ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان تايلاند كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن «خەلقنى كۈچەيتىش فوندى» نىڭ دىرېكتورى چالىدا تاجارونسۇك سوت مەيدانىغا بارغان بولۇپ، ئۇ «بېنار خەۋەرلىرى» گە قىلغان سۆزىدە، بۇ نۆۋەت ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ قاتتىق ناچارلاشقانلىقىنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ ھەيران بولغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ: «مەن ئۇلارنىڭ سوت ھۆكۈمى چىقىرىلىشتىن بۇرۇنلا ئۆلۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن. مەن تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشكە يول قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.
بىلال مۇھەممەدنىڭ ئادۋوكاتى چۇچارت كانپاي بولسا بۇ سوتنىڭ ئىنتايىن ئۇزۇنغا سوزۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى، چۈنكى ئەيىبلىگۈچى ئادۋوكاتلارنىڭ 400 ئەتراپىدا گۇۋاھچىنى تىزىپ قويغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ سانىنىڭ قىسقارتىلىدىغان ياكى قىسقارتىلمايدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى دېگەن. شۇنداق بولغاندا، بۇ سوت ئالاھازەل 5 يىل داۋام قىلىشى مۇمكىنكەن.
بۇ قېتىمقى سوت 1-سېنتەبىر كۈنىگىچە داۋام قىلغاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىملىق سوت بۇ يىل دېكابىردا ئېچىلىدىكەن. تايلاند تۈرمىسىدە يىللارچە قامىلىپ ياتقان ۋە ناچار تۈرمە شارائىتىدا سالامەتلىكى ئېغىر دەرىجىدە ناچارلاشقان بۇ ئىككى نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ ئەھۋالى، كۈچلۈك ئەندىشە قوزغىماقتا.
