«داككا مۇنبىرى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ «دۆلەت بايرىمى» بولغان 1-ئۆكتەبىر كۈنى، باڭلادىشتىكى مۇسۇلمانلار ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ھەق-ئادالەت تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى ئۇيغۇرلار داۋاملىق باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان، خەلقئارادا بۇنىڭغا قارشى تەنقىدلەر داۋاملىشىۋاتقان ۋەزىيەتتە، باڭلادىشتىكى «ئۆلىما ماشايىخ پەرىشاد تەشكىلاتى» (NUMP) داككادىكى بەيتۇل مۇكەررەم جامەسىنىڭ ئەتراپىدا 300 كىشىلىك چوڭ نامايىش تەشكىللەپ، خىتايدىن بۇ باستۇرۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
مەزكۇر نامايىشقا «ئۆلىما ماشايىخ پەرىشاد تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى بىلايەت ھۈسەيىن ئەلفروزى (Belayet Hossain Al-Firozi)، كاتىپى مۇفتى ئەسەدۇللا زاكىر (Mufti Asadullah Zakir) قاتارلىقلار قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار نامايىشتا قىلغان سۆزىدە دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا چوڭ دۆلەتلەرگە خىتاب قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشىيانە قىلمىشلىرىنى توسۇشقا چاقىرغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، داڭلىق ئۇيغۇر ئالىمەسى، مازارشۇناس راھىلە داۋۇتنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى كۆزدىن يوقىتىش سۇيىقەستىنىڭ تىپىك بىر مىسالى سۈپىتىدە خەلقئارادا كۈچلۈك تەنقىد سادالىرى پەيدا قىلغان. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىنغان بۇ زىيانكەشلىكنىڭ داۋاملىشىشى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىشىنىڭ توغرا بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.