ئىگىلىنىشىچە، خىتاي قوراللىق ساقچى قىسمى 11 - ئاۋغۇستتىن 15 - ئاۋغۇستقىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى 3 ۋىلايەتتە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاش ئۇرۇش مانېۋىرى» ئېلىپ بارغان.
خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىملىق ئۇرۇش مانېۋىرىغا خىتاي قوراللىق ساقچى شىنجاڭ شۆبە قىسمىدىن 3 مىڭدىن ئارتۇق قوراللىق ساقچى سەپەرۋەر قىلىنغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇرۇش مانېۋىرىنىڭ دائىرىسى 3 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ھالقىغان بولۇپ، ئېگىز ۋە سوغۇق تاغلىق رايونلار بىلەن سۇسىز قۇملۇقلاردا ئاتالمىش «تېررورچىلار» نى ئاختۇرۇپ تۇتۇش ئوپېراتسىيىسى بويىچە سىناق خاراكتېرلىك ئۇرۇش مانېۋىرى ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن.
خەۋەردە يەنە بۇ قېتىملىق مانېۋىردا ئىككى تەرەپلىك تىركىشىش، لازېر نۇرلۇق تەقلىدىي ھۇجۇم بىلەن ھەقىقىي ئوقلۇق ھۇجۇم بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇرۇش شەكىللىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇ قېتىملىق مانېۋىردا تېررورلۇققا قارشى قورال - ياراغلارنىڭ ئەمەلىي ئۇرۇش مۇھىتىدىكى ئىقتىدارىنىڭ سىنالغانلىقىنى، قوراللىق ساقچى قىسىملارنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئەمەلىي ئۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
كۆزەتكۈچىلەر، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاش» ۋىۋىسكىسى بىلەن ئۆزىنىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىنى ئۇزاق مەزگىلگىچە داۋاملاشتۇرۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى تەخمىن قىلماقتا.
